-
سانلاردىكى دەۋرىيلىك ھادىسىسى - [ماتېماتىكا]
2012-01-12
تەبىئەتتە دەۋرىيلىك ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدۇ . ئەگەر دىققەت قىلسىڭىزلا رەقەملەردىمۇ ھەر خىل دەۋرىيلىك ھادىسلەرنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز .
مەسلەن ، تەبىئىي ساننى 5 ىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاخىرقى خانىسىدىكى رەقەملەردە << تەكرارلىق ھادىسىسى >> ياكى << قايتىلىنىش ھادىسىسى >> كۆرۈلىدۇ : 2 نىڭ 5 ىنچى دەرىجىسى 32 بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاخىرقى خانىسىدىكى سان يەنىلا 2 بولىدۇ ؛ 3 نىڭ 5 ىنچى دەرىجىسى 243 بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاخىرقى خانىسىدىكى سان يەنىلا 3 بولىدۇ ؛ 7 نىڭ 5 ىنچى دەرىجىسىنى بىز ھىساپلىماي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى خانىسىدىكى ساننىڭ يەنىلا 7 بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز . -
بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتى
بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ ئۆزگىچە قانۇنىيىتى بار بولۇپ ، بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلىۋالساق ، مۇناسىۋەتلىك ھېسابلاشلارنى ھەم تېز ھەم توغرا ئورۇنداپ كىتەلەيمىز. تۆۋەندە بۇ قانۇنىيەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ئالدى بىلەن بىر ئەمەلىي مىسال كۆرۇپ ئۆتەيلى:1089=332
110889=3332
11108889=33332
1111088889=333332
.............................
89...1088....11=32...33يۇقارقى مىساللار ئارقىلىق بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق ساننى n خانىلىق سان ( 2 دىن كىچىك بولمىغان) دېسەك ، ئۇ ھالدا بۇ سانلارنىڭ كۇۋادېراتى 2n خانىلىق سان بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىرلەر خانىسىدە چوقۇم 9 بولىدۇ، ئونلەر خانىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 9 بىلەن 0 نىڭ ئارىسىغا n-1 خانە قوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 8 بولىدۇ، يەنە 0 نىڭ ئالدىغا ( سول تەرىپىگە ) n-1 خانەقوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 1 بولىدۇ. -
بارلىق رەقىمى 6 دىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار - [ماتېماتىكا]
2012-01-12
بارلىق رەقىمى 6 دىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار
كۇۋادىراتلىرىنىڭ قانۇنىيىتى
بارلىق رەقىمى 6 دىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادىراتلىرىنىڭ ئۆزگىچە قانۇنىيىتى بار بولۇپ ،ئۇنى بىلىۋالساق بەزى ھېسابلاشلارنى ھەم تېز ، ھەم توغرا بىجىرەلەيمىز. بۇ قانۇنىيەتنى چۇشەندۇرۇشتىن ئاۋۋال بىر ئەمەلىي مىسال كۆرۇپ ئۆتەيلى :4356=662
443556=6662
44435556=66662
4444355556=666662
..........................
56...4355 .....44=62 .....66يۇقارقى مىسالدىن شۇنى بىلىۋىلىشكە بولۇدۇكى، بارلىق رەقىمى 6 دىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلارنىڭ خانە سانى n ( ئىككىدىن كىچىك بولمىغان ) بولسا ، ئۇلارنىڭ كۇۋادىراتى 2n بولىدۇ . بىرلەر خانىسىدە چوقۇم 6 بولىدۇ، ئونلەر خانىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 6 بىلەن 3نىڭ ئارىسىغا n-1 خانە قوشۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 5 بولىدۇ، يەنە 3 نىڭ ئالدىغا (سول تەرىپىگە) n-1 خانە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ رەقەملىرى 4 بولىدۇ.
-
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش - [تەرمىلەر]
2012-01-12
مەلۇم بىر يەرنىڭ تېگىدە مەدەن بولسا ، شۇ يەر پوستىنىڭ سىلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقۇرى ، ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى چوڭراق بولىدۇ. سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولۇگىيە ئالىملىرى مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تۆگە بىلەن مەدەن ئېزدەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان .
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش مۇنداق بايقالغان: گېئولۇگلار قازىقىستاندىكى جايلارنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتىنى ئىنىقلاۋاتقاندا ، بىر قىزىقارلىق ئەھۋال يۇز بەرگەن . ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك نوقتىلار تۇتاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان تېرايىكتورىيە تۆگىلەرنىڭ مېڭىش يۆنۇلىشى بولغان. بۇ ھادىسە تۆگىلەرنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك جايلارنى تاللاپ ماڭىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئېغىر يۇك ئارتىلغان تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جاينىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بۇنداق جايدىن مەدەن چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى. بۇ ئالىملار تۆگىگە ئېغىر تۇك ئارتىپ ماڭدۇرۇپ باققان ، ئاندىن تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جايلارنى بۇرغۇلاپ تەكشۇرگەن . دەرۋەقە بۇ ئۇسۇل ئوبدان ئۇنۇم بەرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار 20 نەچچە جايدا كان تاپقان ھەم نۇرغۇن راسخۇتنى تېجەپ قالغان -
گولدباخ قىياسى - [ماتېماتىكا]
2012-01-12
ھەرقانداق چوڭ سان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،4 تىن چوڭ بارلىق جۈپ سانلارنى ئىككى تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە،7 دىن چوڭ بارلىق تاق سانلارنى ئۈچ تاق جۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە يازغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ,3+5=8 ,3+3=6 …… ,5+5=10 ……5 +97=102 ,3+97=100 …… ,3+3+5=11 ,3+3+3=9 …… ,5+7+89=101 ,3+7+89=99 ئەمىسە، بۇ ئىككى يەكۈن مۇشۇنداق بارلىق جۈپ سان ۋە تاق سانلار ئۈچۈن ئورۇنلۇقمۇ؟1742 - يىل6 - ئاينىڭ7 - كۈنى گېرمانىيە ماتېماتىكى گولدباخنىڭ ئەيلېرگە يازغان خېتىدە يۇقىرىدىكى مەسىلە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.6 - ئاينىڭ30 - كۈنى ئەيلېر جاۋاب خېتىدە: «4 تىن چوڭ ھەرقانداق جۈپ سان ئىككى تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى گەرچە مەن ئىسپاتلىيالمىساممۇ، ئۇنىڭدىن گۇمانلانمايمەن، بۇنى تامامەن توغرا تېئورېما دەپ قارايمەن» دەپ يازغان. ئەيلېر ئەينى زاماندىكى ئەڭ بۈيۈك ماتېماتىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشەنچىسى نۇرغۇن ماتېماتىكلارنى ئۇلارنى ئىسپاتلاپ بېقىشقا قىزىقتۇردى، بىراق، تاكى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. مانا بۇ مەشھۇر «گولدباخ قىياسى» دۇر.
-
گوگۇ سانى ۋە فېرمات چوڭ تېئورېمىسى
2012-01-11
费尔马(Pierrede Fermat)
。
تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىك تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم a ۋە b، يانتۇ تەرىپى بولسا، ئۇ ھالدا a^2+b^2=c^2بولىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر گوگۇ تېئورېمىسى (پىفاگور تېئورېمىسى)دۇر. ئەگەر a، b، c لار مۇسبەت پۈتۈن سان بولسا، ئۇل... -
دوست سانلار - [ماتېماتىكا]
2012-01-11
دوست سانلار يېقىن سانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شۇنداق ئىككى تەبىئىي ساننى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىر سانغا تەڭ بولىدۇ. پىفاگور مىلادىيىدىن بۇرۇنقى6 - ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان ماتېماتىكى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «دوست دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «بۇ ئىككىنچى مەن دېمەكتۇر، خۇددى220 بىلەن284 كە ئوخشاش» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈن دوستنى بۇ ئىككى سانغا ئوخشىتىدۇ؟ ئەسلىدە220 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى1 ،2 ،4 ،5،10 ،11 ،20 ،22 ،44 ،55 ،110 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى284 بولىدۇ؛284 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى بولسا1 ،2 ،4 ،71 ،142 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى220 بولىدۇ.284 بىلەن220 دوست سانلاردۇر. ئۇلار ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە بارلىق دوست سانلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر جۈپ دوست سان ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى جۈپ دوست سان (18416 ,17296)2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ،1636 - يىلى بايقالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار يېڭى دوست سانلارنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى،1747 - يىلى ئەيلېر30 جۈپ دوست ساننى بىلگەن،1750 - يىلى يەنە60 جۈپكە يەتكۈزگەن. ھازىرغىچە ماتېماتىكلار900 جۈپتىن كۆپرەك مۇشۇنداق دوست سانلارنى بايقىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى جۈپ ئەڭ كىچىك دوست سان (1210 ,1184) نى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيىلىك16 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بايقىغان. كىشىلەر يەنە دوست سانلار زەنجىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى: بۇ بىر قاتار تەبىئىي سان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى كېيىنكى سانغا تەڭ بولىدۇ، ئاخىرقى ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بىرىنچى سانغا تەڭ بولىدۇ
-
سىرلىق سان - [ماتېماتىكا]
2012-01-11
بىرەر چوڭ ساننىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملىرىنى ئۆزئارا قوشقاندا بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ ئاندىن بۇ يىغىندىنىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملەرنى ئۆزئارا قوشقاندا يەنە بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلىشنى ئەڭ ئاخىرقى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى بىر خانىلىق سان بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرساق، ئاخىرقى بۇ سان ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ ساننىڭ »رەقەملىك يىلتىزى« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رەقەملىك يىلتىز ئەسلىدىكى ساننى9 غا بۆلگەندىكى قالدۇققا تەڭ بولىدۇ. بۇ ھېسابلاش جەريانى ئادەتتە «توققۇزنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى» دېيىلىدۇ. بىرەر ساننىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى تېپىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى ئەسلىدىكى ساننىڭ رەقەملىرىنى قوشقاندا9 نى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت.









