ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ، ﻗﺎﺭﺍ ﯲﯕﻜﯜﺭ ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ(2) - [科学] |
شۇنىڭ بىلەن مايكىلسون 1881-يىلى تەجرىبە ئۈسكۈنىسى قۇراشتۇرۇپ ئاۋال بىر دەستە نۇرنى يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەينەك ئارقىلىق ئىككى يۆنىلىشكە ئاجراتتى ( شەرىق ۋە شىمال ئۆز ئارا تىك بولغان ئىككى يۆنىلىش ) ، ئىككى يۆنىلىشتىكى نۇر قارشى تەرەپتىكى ئەينەكتىن قايىتقاندىن كىيىن يەنە يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەينەك ئارقىلىق ئوخشاش يۆنىلىشكە بۇراپ بۇ ئىككى نۇر دەستىسىنىڭ پەرقىنى كۆزەتتى . ئەگەر ئېفىر مەۋجۇت بولسا شەرىقتىن كەلگەن نۇر بىلەن شىمالدىن كەلگەن نۇرنىڭ تىزلىكىدە پەرىق بولىشى كېرەك . چۇنكى يەرشارى شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، شۇڭا يەرشارىنىڭ ھەرىكىتى تەسىرىدە شەرىقتىن كەلگەن نۇرنىڭ تىزلىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ، شىمالدىن كەلگەن نۇر بولسا ئەسلىدىكى تىزلىكى بويىچە تارقىلىۋېرىدۇ .
كۆپ قېتىملىق كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسى شۇكى ئىككى يۆنىلىشتىكى نۇرنىڭ تىزلىكىدە قىلچە پەرىق يوق ! كىيىن 1887-يىلى مايكىلسون مولېي بىلەن بىرلىشىپ ، يۇقىرىقى تەجرىبىنى يەنە قايتىدىن ئىشلىدى ، لىكىن نەتىجە يەنىلا ئوخشاش. مايكىلسون ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى ، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى ئىلان قىلىپ باشقا تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلدى . 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا نەچچە داڭلىق فىزىكا تەجرىبە ئالىملىرى مايكىلسون تەجرىبىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقتى ۋە بىردەك ھالدا نازۇك تەجرىبە سايمانلىرى ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغان مەشغۇلات ئارقىلىق تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .
تەجرىبە ئاسانلا گۇمانغا ئۇچرايىتتى ، چۈنكى فىزىكىلىق تەجرىبىلەر دائىم ئەسۋاپنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ . خاتا تەجرىبە تۈپەيلى بىر مەزگىل زىلزىلە پەيدا قىلغان يالغان كەشپىياتلارمۇ ئاز ئەمەس . ئىقتىدارلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى ئۇلار قايسى تەجرىبە ئىشەنچلىك ، قايسى تەجرىبىنىڭ ئىشەنىچسىز ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى بىۋاستە سىزىم ئىقتىدارىغا ئىگە .
كۆپ قىسىم فىزىكا ئالىملىرى مايكىلسون تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىنى رەت قىلىۋاتقان شارائىتتا ، دانىيەلىك فىزىكا ئالىمى فىتىگرالىد بۇ تەجرىبە نەتىجىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەگەر جىسىم ئېفىردا ھەرىكەت قىلغاندا ئۇزۇنلىقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغاندا بۇ تەجرىبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتىرىغا قويدى . كەينىدىنلا لورىنتىس ، پويىنكار ، لارمور قاتارلىق ئالىملار فىتىگرالىدنىڭ پىكرىنى قوللاپ جىسىملار ئېفىردا ھەرىكەت قىلغاندا ئۇزۇنلىقى قىسقىرايدۇ ، ئېفىردا ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت ئاستىلايدۇ دەپ پەرەز قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتىرىغا قويۇشتى .
بۇندىن كىيىن يۈز بەرگىنى بولسا كۆپچىلىك نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتىرىغا قويغاندا كۆرگەن ھادىسىگە ئوخشاش بىر ھادىسە . خۇددى نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى ئوتتىرىغا قويۇلغاندىن كىيىن كېپلىر قانۇنى نىيوتون قانۇنىنىڭ بىر نەتىجىسىگە ئايلانغا ئوخشاش 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتىرىغا قويۇلغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بويىچە ئەمدى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى قىسقىراش ، ھەرىكەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاش ھادىسىلىرى بىر پەرەز ئەمەس بەلكى نىسپىيلىك پىرىنسىپىنىڭ ئىككى ئاساسى پەرىزى ئاساسىدىكى ئىشەنىچلىك يەكۈنگە ئايلاندى. ئەينى ۋاقىتتا لورىنتىس ، پويىنكارلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى ، لىكىن بۇ قېتىملىق بىلىش يۈكسىلىشى ئۇلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلاندى ، بەلكى بۇ كىشىنىڭ فىزىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەسىرى ئىلگىرىكى بارلىق كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشتى . خۇددى پۇلىنسىتون شەھىرىدىكى بىر فىزىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر كىشىدىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىجاتچىسى بولمىش بۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىنى سورىغىنىدا « مەن پىروففىسورنى ئويلىسام ئۆزۈمنى دۇنيادا يالغۇز ھىس قىلمايمەن » دېگىنىدەك بىر ئۆمۈر فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ كىشىنىڭ كىشىلەرگە بولغان تەسىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ، پادىشاھلار بىلەن تەڭ ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىگە يەتتى. كىتابىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى سەھىپىلىرىدە بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ ئىككى ئۇلۇغ نەزەرىيىسى ۋە بۇ نەزىرىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم يېڭى ئىلىملەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز . ئەلۋەتتە تونۇشتۇرۇش بىھاجەت ، بۇكىشى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ، ئىنسانلار تارىىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم پەيلاسوپلارنىڭ بىرى بولمىش ئالبېرت . ئېينىشتېيىن .
2-باپ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى
1. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
ئېينىشتىيىن 1879-يىلى گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ئۇلىمدا تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ تۇغۇلۇپ ئىككىنجى يېلى ئېينىشتىيىن ئائىلىسى مىيۇنخىنغا كۆچۈپ بارغان . ئېينىشتىيىننىڭ دادىسى ھېرمان ، ئانىسى پولىن ھەر ئىككىسى سەنئەتكە قىزىقىدىغان ، ئەركىن ئىدىيىلىك كىشىلەر بولۇپ بۇ ئائىلە ئىجتىمائى ئالاقىسى كەڭ ، پەرزەنىتلەرنى تەربىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئائىلە ئىدى . كىچىك ئېينىشتىيىنمۇ كىچىكىدىن باشقا بالىلاردىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان ئادەتتىكى بىر بالا ئىدى . ئەگەر پەرىقلىنىدۇ دېسە ئېينىشتىيىن باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ئانچە ياقتۇرمايىتتى ، دائىم ئۆزى يالغۇز ئوينايىتتى . بولۇپمۇ كورۇپكىلارنى تىزىپ ئېگىز ئۆيلەرنى ياساپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنغا ناھايىتى ئامراق ئىدى . يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ھەتتا ئېينىشتىيىننىڭ ئەقلى قابىلىيىتى كىيىن يېتىلىپ قالدىمىكىن دەپ ئەندىشە قىلغانىدى . بۇ ھەقتە كىيىن ئېينىشتىيىن يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دېگەن . « كىچىكىمدە مېنىڭ ئەقلىم كىيىن يېتىلىپ قالغان ، شۇڭا باشقىلار بىلىپ بولغان نەرسىلەرنى مەن خېلىغىچە بىلەلمەي يۈرەتتىم، شۇڭىمۇ تاكى 15-16 ياشقا كىرگىچىمۇ ۋاقىت ، بوشلۇق دېگەنلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەي تولا ئويلىناتتىم ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كېلىپ چىقتى .»
نىيوتون ، ئېينىشتىيىننىڭ بالىلىق دەۋرىنى كۆزەتسەك ئۇلار ھەر ئىككىسىنىڭ باشقا سەۋەپ ياكى ئۆزمىجەزى تۈپەيلىدىن دائىم يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز . ھەتتا چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ شۇنداق . بەلكىم ئېينىشتىيىن كىيىن ئۆزى ئېيىتقاندەك يالغۇز ئويناش جەريانىدىكى « ئاڭسىز ھالدا » ئېلىپ بېرىلغان پىكىرلەر ۋە بۇ جەرياندا يولۇقتۇرغان ھادىسىلەر ئۇلارنىڭ گۆدەك تەپەككۇر دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن . بۇ جەھەتتىن بۇ ئىككى تالانىت ئېگىسى بىزنىڭ خەلىق چۆچەكلىرىمىزدە تىلغا ئېلىنىدىغان قەھرىمان شەخىسلەرنىڭ دائىم ئۆزى يالغۇز ئەتراپتىكى رىئال دۇنيادىن ھالقىغان ھالدا ئىنسانىيەت ، ئالەم ، مەۋجۇتلۇق ھەققىدە خىيال سۈرۈشلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . ( ھازىرمۇ بەزى يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇنداق ئوبرازلاردىن پايدىلانماقتا ، مەسىلەن مۇھەممەت باغراش )كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئەتراپتىكى جاھاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خالى تۇرۇش ئۇلارغا تېخىمۇ ماھىيەتلىك ، تېخىمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ، كۆڭلىدە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ، ئالەم ھادىسىلىرى ، مەۋجۇدىيەت سىرلىرى ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئاساسى ئورۇندا بولىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن .
بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى نىيوتون ، ئېينىشتىيىنلار سەل چوڭ بولۇپ ئەقىل يېشىدىن ئاشقاندىن كىيىن بەزى ياخشى يېزىلغان تەبىئەت پەلسەپىسى ئەسەرلەر ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئېينىشتىيىن 12 ياش چېغىدا تاغىسى ياكوب سوۋغا قىلغان بىر پارچە كىتاپ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن :
« 12 ياش ۋاقتىمدا مەن بىر خىل ھەيرانلىقنى باشتىن كەچۈردۈم . ئۇ بىر ئوقۇش يىلى باشلانغان ۋاقىت . مەن بىر ئىۋكىلىد گىئومىتىرىيىسىغا ئائىت بىر كىتاپچىغا ئېرىشتىم. بۇ كىتاپتىكى نۇرغۇن ھۆكۈملەر ، مەسىلەن ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئېگىزلىكى بىر نوقتىدا كېسىشىدۇ دېگەندەك ، قارىماققا بىر قاراشقا بىلگىلى بولىدىغاندەك ئەمەس ، لىكىن ناھايىتى ئىشەنىچلىك ھالدا ئىسپاتلاپ چىقىشقا بولىدۇ ، ھەتتا ھەر قانداق گۇماننىڭ ئورنى يوق . بۇ خىل ئېنىقلىق ۋە ئىشەنىچلىكلىك مەندە تەسۋېرلىگۈسىز تەسىر پەيدا قىلدى .»
1896-يىلى 17ياشلىق ئېينىشتىيىن شىۋېتسارىيەدىكى سىيۇرىخ فىدىراتسىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىندى . دادىسى ئېينىشتىيىننىڭ ئېلىكتىر ماشىنىلىرى ئېنژىنىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، لىكىن ئېينىشتىيىن فىزىكا كەسپىنى تاللىدى . قېرىشقاندەك سىيۇرىخ فىدىراتسىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى ياۋروپادىكى خېلىلا داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ فىزىكا نەزەرىيە ئوقۇتۇشىدا ئاجىز بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكا تەتقىقاتىغا يېتىشەلمەيىتتى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى كۆپىنچە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا ئائىت بىلىملەر بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىق نۇقتىلىق نەزەرىيىۋى فىزىكا بىلىملىرى ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىناتتى .
ئېينىشتىيىننىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانى ئەمىلىيەتتە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . چۇنكى ئۇلارغا ئۆتىلىدىغان فىزىكا دەرىسلىكىدىمۇ ئۇلارنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ( ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە نېمىنى ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ ) ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى فىزىكا نەتىجىلىرى بولغان ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر ماگىنىت تەلىماتى ، بولىتىزماننىڭ مولىكۇلا ھەرىكەت نەزەرىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى . شۇ سەۋەپلىك ئالى مەكتەپ 3-يىللىقىدىن باشلاپ ئېينىشتىيىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان فىزىكا دەرسىگىمۇ چىقماس بولدى . دېرىسكە چىقمىغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان نەزەرىيىۋى فىزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى ۋە خاتىرە قالدۇراتتى . ئېلىكتىر ماگىنىت نەزەرىيىسى ، مولىكۇلا ھەرىكەت نەزەرىيىسى ۋە سىتاستىكا ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۇ پۈتۈنلەي بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىلمى ماقالىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئۆگىنىپ چىققانىدى . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۆگىنىشى بارا-بارا ئۆگىنىش خاراكتىرلىكتىن تەتقىقات خاراكتىرلىك ئۆگىنىشكە ئايلاندى . ئۇ بارا -بارا مولىكۇلا ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ ،ئېفىر ، جىسىمنىڭ ئېفىردىكى ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى . ئېينىشتىيىنمۇ ناھايىتى تىزلا ئېفىر تەلىماتىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىنى بايقىدى . لىكىن ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا ئېفىر تەلىماتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەمەس بەلكى قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىش ئىدى .
بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس ئويلىرىنىڭ بىرى نۇرنى قوغلاش تەجرىبىسى . بۇ ھەقتە ئۇ ئۆزىنىڭ « ئەسلىمە» سىدە مۇنداق دەپ يازغان :
« ئەينى ۋاقىتتا مەن مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم :
ئەگەر بىر ئادەم نۇر تىزلىكىدە نۇرغا ئەگىشىپ يۈگۈرسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان تىنىچ ھالەتتىكى نۇر دولقۇنىنى كۆرىدۇ . لىكىن قارىماققا بۇنداق ئىشنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەستەك ! ( ئېلىكتىر- ماگىنىت قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ ) بۇ تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇنجى ئىدىئال تەجرىبە . »
بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلىنى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى پويىنكارمۇ ئويلاپ يەتكەنىدى . پويىنكار ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر - ماگىنىت تەڭلىمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقىغان . ئەگەر بىز ئېفىردىكى تىنىچ ھالەتتە تۇرۇپ ئۆلچىگەن ئېلىكتىر - ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق ئېلىكتىر -ماگىنىت قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلىسەك ئىنتايىن ئاددى ۋە چىرايلىق ماتىماتىكىلىق ئىپادىگە ئېرىشىمىز . يەنى فىزىكا مەنىسىدىن ئېيىتقاندا ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ ھەممىسى ماگىنىتنىڭ شىمالى قۇتۇبىدىن چىقىپ جەنۇبى قۇتۇبىدا ئاخىرلىشىدۇ . بىراق ئەگەر بىر ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى ئۆلچىگەن ئېلىكتىر - ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلىسەك ، ئۇنىڭ ماتىماتىكىلق ئىپادىسى دەرھاللا ئۆزگىرىپ قىلچە سىممىترىكسىز ھەم مۇرەككەپ نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ . بۇ ئىپادىنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى شۇكى ، بۇ ئىپادە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانىنى ئۆلىچىگەندە بەزى ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرى ئۈزۈلۈپ ، ماگىنىتنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . لىكىن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايىتتى . شۇنىڭ بىلەن پويىنكار ، لورىنتىس ۋە لارمورلار بىكەن بىرلىكتە ئەگەر ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇنلىقىدا قىسقىراش يۈز بېرىدۇ دەپ پەرەز قىلغاندا يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتىرىغا قويغانىدى . ( بىز بۇرۇن تىلغا ئالغان ) ئۇلار يەنە ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت تىنىچ تۇرغان سائەتتىن ئاستا ماڭىدۇ دەپ پەرەز قىلىش كېرەكلىكىنى بايقىدى . يەنى ھەرىكەت ۋاقىتنى « كۆپتۈرىدۇ » .
بەلكىم بەزىلەر ھەيران قېلىشى مۇمكىن ، ئەينى ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئالىملار ئېينىشتىيىندىن بۇرۇنلا بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلغان ھەم قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىن بىلىپ بولغان تۇرۇپ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى شۇ ئالىملار بۇرۇنلا ئوتتىرىغا قويماي قانداقلارچە ئاددى بىر خىزمەتچىنىڭ ئىجادى بولۇپ قالىدۇ ؟
چۈنكى يۇقىرىقى ئۇزۇنلۇق قىسقىراش ، ۋاقىت ئاستىلاش پەرەزلىرى نىيوتوننىڭ ماكان،زامان قارىشى بىلەن زىددىيەتلىك . نىيوتوننىڭ ماكان ،زامان مودىلى يەنە مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان دەپمۇ ئاتىلىدۇ . نىيوتوننىڭ مۇتلەق ماكانى بىز ئادەتتە ئەمىلى تۇرمۇشتا كۆرىۋاتقان ماكانغا ئوخشاش .، ئۈچ ئۆلچەملىك : شەرىق -غەرىپ ، شىمال - جەنۇپ ، ئاستى - ئۈستى . جىسم مەيلى قانداق ھەرىكەت قىلسۇن جىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى ، كەڭلىكى ، ئېگىزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ . جىسىمنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ماكاننىڭ مۇناسىۋېتى يوق . ( جىسىمنىڭ ھەرىكىتى ماكانغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .) نىيوتون ئاينى ۋاقىتتا ۋاقىتقا ئېنىقلىما بەرمىگەن ، لىكىن ئۇنىڭ ھەر قايسى قانۇنلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇ تەتقىقات جەريانىدا بىلىپ بىلمىگەن ھالدا مۇتلەق زامان قارىسى بويىچە ئىش قىلغان . بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ فىزىكىنىڭ ۋاقىتى بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ھىس قىلغان ۋاقىت ئۇقۇمىغا ئوخشاش. بىزنىڭ يىل ، ئاي، كۈن دەپ مۇقىم تىزلىكتە ئۆتىۋاتقان ۋاقتىمىزغا ئوخاش ۋاقىت ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش تىزلىكتە ئۆتىۋېرىدۇ . جىسىمنىڭ ھەرىكىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ . شۇڭا نىيوتوننىڭ قارىشى توغرا بولىدىغان بولسا ھەرىكەت ھەرەىزمۇ ئارىلىقنىڭ قىسقىرىشىنى ، ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايىتتى .
فىزىكا ئۆگىنىپ باققانلارنىڭ ھەممىمىز بىلىمىز . ( تولۇقسىزنى تۆگەتكەن بولسىڭىزمۇ ھىساپ) فىزىكىدا جىسىملارنىڭ ھەر خىل فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ، ھەر خىل فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى تونۇشتۇرغاندا ھەر قاچان ئۆلچەم بىرلىكىدىن ئايرىلالمايمىز . بىزگە لازىمى سانلىق مەلۇمات . شۇڭا جىسىمنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرى ۋە ئۆلچەم بىرلىكلىرى فىزىكا پېنى ئايرىلالمايدىغان بىر قورال . بارلىق ئۆلچەش بىرلىكلىرى ئىچىدە مىخانىكا ساھەسىدە پەقەت ئۈچلا ئاساسى بىرلىك بار ، قالغان بىرلىكلەرنى مۇشۇ ئۈچ بىرلىككە ئاساسەن تۈرلەندۈرۈپ چىقىرالايمىز . بۇ ئۇچ بىرلىك : ئارىلىق بىرلىكى ، ۋاقىت بىرلىكى ، ماسسا بىرلىكى . سىز بىر فىزىكا پەن سىستىمىسى يارىتىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋال مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭىز كېرەك . ئارىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە ؟ ئاددىراق ئېيىتقاندا زادى قانچىلىك ئارىلىقنى بىر بىرلىك ئارىلىق ( مەسىلەن بىر مىتىر ) دەپ ئالىمىز ؟ يەنى بىر ماكان ، زامان مودىلىڭىز بولشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئارىلىق ، ۋاقىت ، جىسىم ماسىسى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلار سىزنىڭ فىزىكا بىنايىڭىزنىڭ ئۇلىنى تۈزىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ بۇ ئۇلىڭىزدا ، مەسىلە بولسا سىزنىڭ پۈتكۈل بىنايىڭىزدا مەسىلە بار بولىدۇ .
مېنىڭچە ئەقىللىق كىتاپخانلار مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ بولدى . ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئالىملار گەرچە يۇقىرىقى ئارىلىق قىسقىراش ، ۋاقىت ئاستىلاش پەرەزلىرىنى كىرگۈزگەندە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش كىرگۈزگەندە بۇ نىيوتون فىزىكىسىنىڭ ئاساسى بولغان نىيوتون ماكان ، زامان قارىشىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويىدىغان بولغاچقا ( بۇ نىيوتون مىخانىكىسىنىڭ خاتالىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، يەنى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ 200يىلدىن ئارتۇق قان تەر بەدىلىگە كەلگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا دەپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . ) ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مېڭىشنى خالىمىغان. پەقەت « بۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى ئويلاپ بولالمايدىغان » ئېينىشتىيىنلا يۈرەكلىك ھالدا نىيوتوننىڭ ماكان زامان قارىشىنى تاشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتىرىغا قويدى ۋە ماكان زامانغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى . كۆردۇقكى « كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىماسلىق » بەزىدە ناھايىتىمۇ پايدىلىق.
شۇنداق قىلىپ يۇقىرىقى ئۈچ فىزىكا ئۇستازى گەرچە ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىرىشى ، ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق پەرەزلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتىرىغا قويغان بولسىمۇ ، ئۇلار بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنى خالىمىدى . ( پەقەت پويىنكارلا بىر ئەسىرىدە يېڭىچە بىر مىخانىكا قانۇنلىرىنى ئوتتىرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزۇنلۇق قىسقىراش ھادىسىسىنى پەرەز دەپ قاراش كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىۋالدى ۋە كىيىنكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى . )
ئېينىشتىيىن بۇ ۋاقىتلاردا سىيۇرىختىكى ئاددى بىر ئوقۇغۇچى ئىدى . لىكىن ئۇنىڭ تەھلىلى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدى . ئېينىشتىيىن مەسىلىنىڭ « ئوخشاش ۋاقىتچانلىق » ئۇقۇمىدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .
« ئوخشاش ۋاقىت » ئۇقۇمى بىزگە ناھايىتى تونۇش . ئادەتتە دائىم « ئەتىگەن 6 يېرىمدا بىز ئوخشاش ۋاقىتتا تەنتەربىيە مەيدانىغا كەلدۇق » ، « ئىككى پويىز بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىن ئوخشاش ۋاقىتتا بىر بىرگە قاراپ يولغا چىقتى » ... دەيمىز. ھىچكىممۇ « ئوخشاش ۋاقىتچانلىق» نىڭ ئېنىقلىمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . نىيوتوننىڭ مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان مودىلىدىمۇ شۇنداق . يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىن ئىككى پويىز بىر بىرىگە قاراپ يولغا چىقسا ، بىر ئالەم كىمىسىدە ئۇچىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىسىمۇ بۇ ئىككى پويىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىققانلىقىنى كۆرىدۇ .
كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەرنى ئويلىغاندا دائىم بىر كۆزەتكۈچىنىڭ پەقەت كۆزىتىۋاتقان ھادىسىنىڭ نۇر سىگنالى ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئاندىن شۇ ھادىسىنى يۈز بەردى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . نۇرنىڭ تىزلىكى چەكلىك ، يەنە كېلىپ كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ھەر خىل بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا نۇرنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن بولغان تىزلىكى بىلەن ۋاقىت ئۇقۇمى ( « ئوخشاش ۋاقىتچانلىق » ) ئارىسىدا چوقۇم باغلىنىش بولىشى كېرەك .
ئېينىشتىيىن يۇقىرىقىدەك ئويلارنىڭ ناتىجىسىدە بارلىق ھەرىكەت ھالىتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئورتاق بولغان بىر ۋاقىت ئۆلچەش ئۆلچىمى بولىشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلدى . ئەگەر بىز كۆزەتكۈچى مەيلى قانداق ھالەتتە ھەرىكەت قىلسۇن نۇرنىڭ كۆزەتكۈچىگە بولغان تىزلىكى مۇقىم سىكونىتىغا 300 مىڭ كىلومىتىر دەپ پەرەز قىلساق بىز ناھايىتى ياخشى ۋاقىت ئۆلچەش ئۆلچىمىگە ئېرىشەلەيمىز ھەم مايكىلسون تەجرىبىسى ۋە پويىنكارلار بايقىغان ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىيىتىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرەلەيمىز .
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە تۇتىشىدىغان يەنە بىر پىكىر ھەققىدە ئېينىشتىيىن مۇنداق ئېيىتقان :
« مېنى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتىرىغا قويۇشقا بىۋاستە يىتەكلىگىنى مۇنداق بىر ئەھۋال . يەنى مەن جىسىم ماگىنىت مەيدانىدا ھەرىكەت قىلغاندا ھاسىل بولغان ئىندۇكسىيەلىك ئېلىكتىر بېسىمى ئەمىلىيەتتە بىر ئېلىكتىر مەيدانى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم . »
يۇقىرىقى جۈملىدە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇنداق ئەھۋال . ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىغا ئاساسەن ئەگەر ماگىنىتلىق تۆمۈر ھەرىكەت قىلىپ ئۆتكۈزگۈچ تىنىچ تۇرسا ، ماگىنىتلىق تۆمۈرنىڭ ھەرىكىتى ئېلىكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، بۇ ئېلىكتىر مەيدانى ئۆتكۈزگەۈچتىكى ئېلىكتىرونلارنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ ئىندۇكسىيەلىك توك ھاسىل بولىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ئەگەر ماگىنىتلىق تۆمۈرنى تىنىچ قويۇپ ئۆتكۈزگۈچنى ھەرىكەت قىلدۇرساق ، ئوخشاشلا ئۆتكۈزگۈچتە توك ھاسىل بولىدۇ . لىكىن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن چۈشەنچىسى بولسا بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلىكتىرونلار « لورىنتىس كۈچى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، ئېلىكتىر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ئەمەس . بىز يۇقىرىدا دىيىلگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاددى قىلىپ تەكرارلاپ باقايلى :
ئۆتكۈزگۈچ تىنىچ تۇرۇپ ، ماگىنىت ھەرىكەت قىلسا ئۆتكۈزگۈچتە ئېلىكتىر مەيدانى ھاسىل بولىدۇ . لىكىن ئەگەر ئۆتكۈزگۈچ ھەرىكەت قىلىپ ماگىنىت تىنىچ تۇرسا ئۆتكۈزگۈچتە ئېلىكتىر مەيدانى ئەمەس ئاتالمىش « لورىنتىس كۈچى » كۈچى ھاسىل بولىدۇ . بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئاز غەلىتە . چۈنكى گالىلىي نىسپىيلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى جىسىمنىڭ قايسى بىرىنى تىنىچ دەپ تاللىۋېلىش ھەرىكەت نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . يەنى سىز تىنىچ تۇرۇپ دوستىڭىز سىزگە قاراپ ماڭغان بولسا ، سىزنى تىنىچ تۇردى دەپ چىقارغان نەتىجە بىلەن دوستىڭىزنى تىنىچ تۇردى دەپ تۇرۇپ چىقارغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش . ( ئىككىڭلار ئاخىرى بىر ئورۇندا كۆرۈشتىڭلار ) شۇڭا ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ماگىنىت پارچىسىنىڭ قايسىسى ھەرىكەت قىلسۇن ، نەتىجە ئوخشاش بولىشى كېرەك . لىكىن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى . ئېينىشتىيىن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇقىرىقى غەلىتە نەتىجىنىڭ سەۋەبى « مۇتلەق تىنىچ » دەپ قارالغان ئېفىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . چۇنكى ئېفىرلا مەۋجۇت بولىدىكەن ماگىنىت پارچىسىنىڭ ئېفىرغا نىسبەتەن ھەرىكىتى بىلەن ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېفىرغا نىسبەتەن ھەرىكىتىدىن ھامان ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ .
ئېينىشتىيىن چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلدى . بىرى ئېفىرنىڭ ، مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان مودىلىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ ، ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان نۇر تىزلىكىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنىڭ نىسپىيلىك پپىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش . يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇقكى بۇ يولغا مېڭىش ئاللىقاچان مۇمكىن ئەمەس . ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتقىچە بىزگە مەلۇم بولغان نەزىرىيىۋى بىلىملەر ۋە تەجرىبە بىلىملىرى بۇ يولنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى . تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى ( ئېينىشتىيىنغا نىسبەتەن بۇ سەۋەپ ئەڭ مۇھىم ) يۇقىرىقى يول نىيوتون مىخانىكىسى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنىڭ بىر-بىرىگە زىت بولغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ نىيوتوننى باش قىلغان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى بارلىق فىزىكا بىلىملىرىنى بىر ئاددى نەزەرىيە رامكىسى ئىچىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش غايىسىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ . بىز كۆرىۋاتقان بۇ بىر پۈتۈن دۇنيادا ئەجىبا جىسىملار بويسۇنىدىغان مىخانىكا قانۇنلىرى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنلىرى بىر بىرىگە زىت ؟! بۇ يەردە مەن يەنە شۇنداق بىر ھۆكۈمنى ئىشلەتمەكچى ، يەنى بىز ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى بىلەن تونۇشقاندا مەن دەپ ئۆتكەندەك ئەگەر سىز ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ئۇنداقتا يۇقىرىقى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايسىز . ھالبۇكى ئېينىشتىيىن يۇقىرىقى نوقتىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ .
يەنە بىرى بولسا ئېفىر ۋە مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كېچىش ، مەيلى ھەرىكەت ئەھۋالى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر نۇر تىزلىكىنىڭ بارلىق كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنى نىسپىيلىك پىرىنسىپى رامكىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش . بۇنداق بولغاندا گەرچە نىيوتون فىزىكىسىنىڭ ئۇلى بولغان مۇتلەق ماكان ، زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ ، لىكىن نىيوتون مىخانىكىسى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ مىخانىكا ، ئېلىكتىر ماگىنىت ھادىسىلىرى ئورتاق بويسۇنىدىغان بىر نەزەرىيەگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ھالبۇكى بۇ دەل فىزىكا ئالىملىرى نەچچە يۈز يىللىق جاپالىق ئەمگەك جەريانىدا زارىقىپ كۈتىۋاتقان نەتىجە .
1905-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە ئېينىشتىيىن « فىزىكا خاتىرىلىرى » ژورنىلىدا ئارقا ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئىلان قىلدى . بىروئۇن ھەرىكتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى . بۇ ماقالىسىدە مولىكۇلانىڭ دىئامىتىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى ئوتتىرىغا قويدى ۋە مولىكۇلىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. فوتو ئېلىكتىر ئېففىكتى ھادىسىسى تەھلىل قىلىنغان ماقالىسى بىلەن يورۇقلۇق كىۋانتى پەرىزىنى ئوتتىرىغا قويدى ۋە 1921-يىلى فوتو ئىلىكتىر ئېففىكتى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( دىققەت ، بۇ تۆھپە پەقەت يۇقىرىقى ماقالىدە ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ ئاددى بىر قىسمى ، بۇ ماقالىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك قىسمى يورۇقلۇق كىۋانتى پەرىزىنى ئوتتىرىغا قويغانلىقى نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش سۆزىدە تىلغا ئېلىنمىغان ) نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە بىر « ھەرىكەتچان جىسىملارنىڭ ئېلىكتىرو دىنامىكىسى » ناملىق ماقالىسى بىلەن كىيىن بىز دەپ كېلىۋاتقان مەشھۇر نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتىرىغا قويدى . ( ناھايىتى ئەپسۇس ، 1921-يىلىدىكى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ بىكىتىلىش ئۆلچىمىگە قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىننىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرى ئۈچۈنلا 3-4 نوبىل مۇكاپاتى بەرسىمۇ كۆپلۈك قىلمايىتتى ، لىكىن باھالاش كومىتىتى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كىۋانىت پەرىزىنى تالاش تارتىش جىق دەپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن . )
ئاخىرقى بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇ مۇنداق دەپ ئوتتىرىغا قويدى :
1. بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئىنىرىتسىيىلىك سىستىمىلاردا ئوخشاش ئىپادىلەش شەكلىگە ئىگە .
2.ھەر قانداق كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ۋائوكومدىكى نۇر تىزلىكى ئوخشاش ، نۇرنىڭ تىزلىكى نۇر مەنبەسىنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
ئېينىشتىيىن مۇتلەق ماكان ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى . ئەمدى مايكىلسون تەجرىبىسىدە ئۈمىد قىلغاندەك يەر شارىنىڭ مۇتلەق تىنىچ ئېفىر ياكى مۇتلەق ماكانغا بولغان ھەرىكىتى مەۋجۇت ئەمەس بەلكى ئەتراپتىكى ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان نىسپىي ھەرىكىتىلا مەۋجۇت . جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇق ، كەڭلىك ، ئېگىزلىكىمۇ پەقەت بىر خىل نىسپىي ئۇقۇم ، ئۇلار ئۆلچىنىدىغان جىسىم بىلەن كۆزەتكۈچىنىڭ ئۆزئارا ھەرىكەت ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك .
ئېينىشتىيىن مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى . مەيلى قانداق ھەرىكەت بولسۇن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش تىزلىكتە ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى ، بەلكى ئۇ « ۋاقىتمۇ نىسپىي ئۇقۇم ، ئۇ ھەر بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك » دەپ جاكارلىدى .
بۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ئەمدى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىدىن خالى تۇرىدىغان مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان مەۋجۇت ئەمەس ، بەلكى ماكان ۋە زامان جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ . ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇنلىقى قىسقىرايدۇ ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت ئاستىلايدۇ ، يەنە ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ماسسىسى ئاشىدۇ . جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنىرگىيەنىڭ مۇناسىۋېتى ئاددى ماتىماتىكىلىق تەڭلىمىگە بويسۇنىدۇ : E=mc2 ) (
ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىزنىڭ چوقۇم نىيوتون مىخانىكا قانۇنلىرىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ ياق ، ئۇنداق ئەمەس .
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، كۆپ قىسىم ئىلىم ساھەسى ۋە كۆپ قىسىم تېخنىكا ساھەسىدە نىيوتون قانۇنلىرى يەنىلا كەڭ قوللىنىلىش قىممىتىگە ئېگە . بىز ئايروپىلانغا ۋاقىتنىڭ كۆپىشىدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق . ئىنژىنىرلارمۇ ئايروپىلان لاھىيىلىگەندە ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىراش تەسىرىنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى جىسىمنىڭ تىزلىكى نۇر تىزلىكىگە يېقىنلاشقاندىلا ئۇزۇنلۇق قىسقىراش ، ۋاقىت ئاستىلاش ھادىسىلىرى ئاندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بولىدۇ . ئايروپىلاننىڭ تىزلىكى سىكونىتىغا 150 مىڭ كىلومىتىرغا ( نۇر تىزلىكىنىڭ يېرىمى )يەتكەندىمۇ شۇ تۈپەيلى بىر مىتىر نەرسە ئاران 13سانتىمىتىر قىسقىرايدۇ . ئەگەر ئايروپىلان نۇر تىزلىكىنىڭ ئوندىن بىرىگە ( سىكونىتىغا 30مىڭ كىلومىتىر ) يېتەلىسە بىر مىتىر نەرسە 5مىللىمىتىر قىسقىرايدۇ . ئادەتتە نۇرغۇن ساھەدە جىسىملارنىڭ تىزلىكى كۆپ كىچىك بولغاچقا ئۇزۇنلۇق قىسقىراش ، ۋاقىت ئاستىلاش تەسىرى ئىنتايىن كىچىك ، پۈتۈنلەي ئويلاشماسلىققا بولىدۇ . پەقەت جىسىمنىڭ تىزلىكى نۇر تىزلىكىگە يېقىنلاشقاندا ئاندىن نىيوتون مىخانىكىسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ نەتىجىسىدە پەرىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ، شۇڭا ئۇ ۋاقىتتا چوقۇم نىيوتون مىخانىكىسىدىن ۋاز كېچىپ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىشلىتىش كېرەك .
بۇ خىل ئەھۋاللار فىزىكا تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدۇ : بىر تۈركۈم قانۇنلار ( بۇ يەردە نىيوتون مىخانىكىسى ) دەسلەپتە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ دەسلەپتە تەجرىبە بىلەن ناھايىتى ماس كېلىدۇ . كىيىن تەجرىبە ۋاستىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ پەقەت بىر چەكلىك دائىرىدىلا يەنى بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىدىلا كۈچكە ئېگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ . ئۇندىن كىيىن فىزىكا ئالىملىرى تىرىشىپ تەجرىبە ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھادىسىلەرنى بايقاپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى فىزىكا ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان يېڭى قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىدۇ . ( نىيوتون قانۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تۆۋەن تىزلىكتىكى ئەھۋالدا كۈچكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن ، يۇقىرى تىزلىكتىكى ئەھۋاللاردىمۇ كۈچكە ئېگە . )
فىزىكا ئىلمىنىڭ تارىخى بۇ خىل جەرياننى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن كىيىنكى مەزمۇنلاردا كۆرىدىغىنىمىزدەك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان شارائىتتا تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى . قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان كىۋانىت تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى .
شۇڭا كونا قانۇنىيەتتىن يېڭى قانۇنىيەتكە ئۆتۈش جەريانىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بار . ھەربىر كونا - يېڭى ئالمىشىش پەيتىدە فىزىكىشۇناسلار تەجرىبە ئارقىلىق كونا قانۇنىيەتنىڭ قايسى جايدىن يىمىرىلىدىغانلىقنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق . بەلكى ئەسلى قانۇنىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك چەك چىگراسىنى تېپىپ چىقسىلا بولدى . نىيوتون مىخانىكىسىغا نىسبەتەن : كۆرىۋالدۇقكى ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر ماگىنىت قانۇنى نىيوتون ماكان ،زامان مودىلى بىلەن ماسلاشمىدى . تىزلىك كىچىك ۋاقتىدا بۇخىل ماسلاشماسلىق ئانچە چوڭ ئەمەس .( ھەتتا ئۆلچىگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە ) لىكىن تىزلىك يۇقىرى ۋاقىتتا بۇ خىل ماسلاشماسلىق ناھايىتى روشەن . شۇڭا مايكىلسون تەجرىبىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ نىيوتون فىزىكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىنىڭ جىسىم تىزلىك نۇر تىزلىكىدىن كۆپ كىچىك بولغان دائىرە ئىكەنلىكى، جىسىم قۇر تىزلىكىگە يېقىنلاشقاندا نىيوتون مىخانىكىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . ئوخشاشلا كىيىنكى مەزمۇندا بىز تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن قانداق بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز .
مۇنداقچە ئېيىتقاندا فىزىكا تارىخى ئەمىلىيەتتە فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىنىڭ كېڭىيىش دائىرىسىدىن ئىبارەت . نىيوتون بولسا كېپلىرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى قانۇنىيەتلىرى بىلەن گالىلىينىڭ ئادەتتىكى جىسىملار ھەققىدىكى قانۇنىيەتلىرىن بىرلەشتۈرۈپ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ مىخانىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى . ماكسىۋېل ئېلىكتىر ۋە ماگىنىت ھادىسىلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئورتاق بىر نەزەرىيە ئارقىلىق چۈشەندۈردى . ئېينىشتىيىن بولسا نىيوتون مىخانىكىسى بىلەن ماكسىۋېل ئېلىكتىر- ماگىنىت قانۇنلىرىنى بىر نەزەرىيە رامكىسى ئىچىگە يىغىمچاقلاپ ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيىتتى . كىيىنكى مەزمۇندا بىز يەنە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تارتىش كۈچىنىمۇ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز . نۆۋەتتە فىزىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئالىملار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدا يارىتىلغان ئىككى ئۇلۇغ نەزەرىيە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانىت نەزەرىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا تىرىشماقتا . ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ خىزمەتلىرى بىزلەرگە دۇنيانىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى ئېچىپ بەرگۈسى .
مەنبە :http://www.izdinix.com
