• ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ، ﻗﺎﺭﺍ ﯲﯕﻜﯜﺭ ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ(3) - [科学]

    2. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
    مۇنەۋۋەر فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى ئۇلار ئۆزىنىڭ زىھنى ۋە ۋاقتىنى ئەڭ قىيىن ، ئەڭ ئاساسى بولغان ساھەلەرگە قارىتىدۇ . ئېينىشتىيىن بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى :
    « مەن قولىغا بىر تاختاينى تۇتقۇزۇپ قويسا ، دائىم ئەڭ نىپىز ، ئەڭ ئاسان تېشىلىدىغان جايلىرىغا نۇرغۇن تۈشۈكچىلەرنى تېشىشنى ياقتۇرىدىغان تەتقىقاتچىلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن »
    1907 -يىلى باشقا فىزىكا ئالىملىرى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى چۈشىنىپ كېتەلمەي ، « ئېھتىياتچانلىق » بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقاندا ، ئېينىشتىيىن ئاللىبۇرۇنلا يەنە بىر مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانغانىدى . تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تېخى ئىلىم ساھەسىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ، ئېينىشتىيىن بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى . لىكىن 1907-يىلى بىر ژورنالنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىىيىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن تونۇشتۇرىدىغان بىر ماقالە يېزىش جەريانىدا ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى نەزەرىيىسىنىڭ نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى نەزەرىيىسى بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى .
    نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى ئىككى جىسىمنىڭ ماسسىسىغا ئوڭ تاناسىپ ، ئارىلىقنىڭ كىۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ . نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ئىككى پايدىلىنىش سىستىمىسىدا تۇرۇپ ئۆلچىگەندە ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى ئارىلىق ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن بىز قۇياش بىلەن مىركۇرىي ئارىسىدىكى ئارىلىقنى قۇياش يۈزىدە تۇرۇپ ۋە مىركۇرىي يۈزىدە تۇرۇپ ئۆلچىسەك ئىككىسى ئارىسىدا بىر مىليارىدتىن بىر پەرىق كېلىپ چىقىدۇ .
    ئۇنداقتا قۇياش پايدىلىنىش سىستىمىسى بىلەن مىركۇرىي پايدىلىنىش سىستىمىسىنىڭ زادى قايسىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك . مەيلى قايسىسىنى تاللاپ ئىشلەتمەيلى بۇ نىسپىيلىك پىرىنسىپىغا خىلاپ . چۈنكى نىسپىيلىك ىرىنسىپىغا ئاساسەن مەيلى قايسى سىستىمىدا بولسۇن نەتىجە ئوخشاش بولىشى كېرەك ، بىز مەلۇم بىر پايدىلىنىش سىستىمىسىنى يەنە باشقا پايدىلىنىش سىستىمىسىدىن ناچار ياكى ياخشى دىيەلمەيمىز .
    ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ئەڭ زور بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . بۇ ھەقتە ئېينىشتىيىننىڭ بىر قەدەر تەپسىلىي ئەسلىمىسى بار .
    « كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئائىت ئويلىرىم 1907-يىلىدىن باشلانغان . بۇ خىل ئوينىڭ كېلىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز بولدى . ئەينى ۋاقىتتا مەن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدىم . چۈنكى ئۇ ئۆزئارا مۇقىم تىزلىككە ئىگە بولغان سىستىمىلاردىلا كۈچكە ئېگە ئىدى . ئۇنى ھەر قانداق خالىغانچە ھەرىكەت قىلغان پايدىلىنىش سىستىمىسىغا قوللىنىشقا بولمايىتتى . ( مەسىلەن تارتىش كۈچى مەيدانىدا ، تىزلىنىشچان ھەرىكەت سىستىمىسىدا ) شۇڭا مەن ئامال قىلىپ بۇ چەكلىمىنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئويلىدىم ......
    ... بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىز بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تاپتىم . ئۇ كۈنى مەن بېرىن پاتىنىت ئىدارىسىدىكى ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ ، كاللامدا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بولدى : ئەگەر بىر ئادەم تۇيۇقسىز ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتسە ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلمايدۇ . ( ئەلۋەتتە يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن ، يەرگە چۈشكەندە ئېغىرلىق كۈچى سىزدىن بىراقلا ھىساپ ئالىدۇ .___ ئاپتور ) بۇ ئاددى خىيالنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى ھەم مېنىڭ يېڭى تارتىشىش كۈچى نەزەرىيىسىنى تېپىشىمغا تۈرىتكە بولدى . مەن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىدىم : ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان ئادەم تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىدۇ ، ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر تىزلىنىشچان پايدىلىنىش سىستىمىسىدا ئۇ قانداق ھىس قىلار ؟ ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان ئادەم دەل ئۇنىڭ سىستىمىسىدا يەنە بىر يېڭى تارتىشىش كۈچى مەيدانى ھاسىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلالمايدۇ . يەنى بۇ يېڭى ھاسىل بولغان تارتىشىش كۈچى مەيدانى يەرشارىنىڭ تارتىشىش كۈچى مەيدانى بىلەن يىيىشىپ كېتىدۇ . »
    مەسىلەن ، بىر فىزىكا ئالىمى سىزنى ئالەم كىمىسىدىكى يېپىق بۆلۈمچىگە سېلىپ تەجرىبە ئىشلىدى دەيلى . مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ سىزدىن كىمىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى . سىز قارىسىڭىز ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە يەرشارىدىكى بىلەن ئوخشاش ، قولىڭىزغا بىر بوتولكىنى ئېلىپ قويىۋەتسىڭىز ئۇ بوتولكا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا تىزلىنىشچان ھەرىكەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشتى ، ئۆزىڭىزنىڭ پۇت قوللىرىڭىزنى ئىشلەتكەن ، كۆتۈرگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش . كارىۋاتنى كۆتۈرمىگىڭىز يەنىلا شۇنچە تەس .
    -- بىز تېخى يەر شارىدىن ئايرىلماپتۇققۇ ؟ -، سىز ھەيرانلىق بىلەن سورىشىڭىز مۇمكىن .
    -- خاتالاشتىڭىز ، بىز ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا ، سىزدىكى ھىس تۇيغۇلار يەر شارىدىكىگە ئوخشاش بولىشى پەقەت بۇ كىمە
    ھازىر تىزلىنىشچا ن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن .-- جاۋاپ بەردى فىزىكا ئالىمى .
    سىز قانچە مۇنازىرىلەشسىڭىزمۇ بىكار . ماشىنىدا ماڭغاندا ماشىنا تۇيۇقسىز سۈرئەت تىزلەتسە ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىنىڭ سىزگە بولغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدىغۇ دەيمەن .لىفىتتا ئولتۇرۇپ باققان بولغىيدىڭىز ، لىفىت يۇقىرىغا تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغاندا ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغاندۇ ؟ بۇ ئالەم كىمىسىمۇ شۇنداق ، ئۇ يەر شارىدىن ناھايىتى يىراقتا بولغاچقا ئۇ ئۇچرايدىغان ئالەملىك تارتىشىش كۈچى نۆل دېيىشكە بولىدۇ . لىكىن كىمە تىزلىنىشچان ھەرىكت قىلىۋاتقان بولغاچقا كىمىدە سۇنئى ئېغىرلىق مەيدانى ھاسىل بولدى . فىزىكا ئالىىمىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايىل بولمايمەن دىيەلمەيسىز .
    يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ سىزدىن يەنە بىر قېتىم كىمىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى . قارىسىڭىز ئەمدى ئەھۋال باشقىچە ، بۆلۈمچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچالايدىغاندەك ياكى ئېغىرلىق يوقتەك بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن ، سىزمۇ ئەركىن ھالدا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى تاماملىيالىدىڭىز . قارىغاندا كىمە ھەرىكەتتىن توختاپتۇدە ، ياكى تەكشى ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ . بۇ فىزىك ئالەم بوشلۇقىدا تارتىش كۈچى يوق دېدىغۇ ؟
    لىكىن فىزىكا ئالىمى سىزگە سىزنىڭ يەنە خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئېيىتتى ، ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولسىمۇ ئالدىرىماڭ ، ئۇ چۈشەندۈرۈپ باقسۇن . كىمە ھازىر يەر شارى بوشلۇقىدا ، بىز بارلىق ماتورنى ئۆچىرىۋەتتۇق . كىمە ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى قىلىۋاتىدۇ . بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ ئالدىرىماڭ ، سىز لىفىتتا ئولتۇرۇپ باققان بولغېيدىڭىز ( يەنە لېفىتنىڭ گېپىگە چۈشتى بۇ ئاداش ، لىفىت شىركىتىگە گۇاڭگاۋ قىلىۋاتقاندەك ، ئويلىدىڭىز ئىچىڭىزدە ) لىفىت تۆۋەنلىەەن ۋاقىتتا سىز ئېغىرلىقىڭىزنىڭ سەل كىچىكلەپ قالغانلىقىنى ، يىنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولغېيىدىڭىز ، بىز ھازىر يەر شارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىشى بىلەنلا تۆۋەنلەۋاتىمىز ، سىزنى يۇقىرىغا تىرەپ تۇرىدىغان نەرسە بولمىغاچقا ( ئالەم كىمىسىمۇ سىز بىلەن بىرگە تۆۋەنلەۋاتىدۇ ) سىز ئېغىرلىقىڭىزنى ھىس قىلالمايسىز . ماشىنىدا ئولتۇرغاندىمۇ ماشىنا تۇيۇقسىز سۇرئەت ئاستىلاتسا يۆلەنچۈكنىڭ سىزگە بولغان بېسىمىنىڭ ئازايغانلىقىنى ھىس قىلغان بولغىيدىڭىز ، ماشىنىغىمۇ ئولتۇرۇپ باقمىغان دېسىڭىز ئىشەنمەيمەن ... فىزىكا ئالىمىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن سىز يەنە بىر قېرىم خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلدىڭىز . تېخى ئالدىرىماڭ ، ساياھەت تۈگىمىدى .
    يەنە مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن فىزىكا ئالىمى سىزدىن يەنە ئوخشاش سوئالنى سورىدى . قارىسىڭىز يەنىلا بايىقىدەك ،ئېغىرلىقىڭىز يوقتەك خالىغانچە ئۇچۇپ يۈرگەن . ھە ، ماڭا چۈشەندۈرۈپ بولالماي كاللىسى قېيىپ قاپتۇدە ، يەنىلا بايىقىدەك ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى قىلىۋېتىپتۇققۇ ؟
    _ ھاھا ھاھا ... خاتالاشتىڭىز ، بىز ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا ، تىنىچ تۇرىۋاتىمىز . بۇ يەردە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز ، نۆلگە تەڭ دېيىشكە بولىدۇ ، مەن بۇنى سىزگە سۆزلىگەنغۇ دەيمەن ...
    ئاچچىقىڭىز نەچچە گىرادۇسقا چىققاندۇ ؟ لىكىن يەنىلا ئامال يوق ، مەنمۇ سىزگە يان باسالمايمەن ، سىلەر ھازىر راستىنلا ئالەم بوشلۇقىدا ، يىراق ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق كۈچى بولمايدىغانلىقىنى سىز بايا تېخى ئاڭلىغانىدىڭىزغۇ ؟ تارتىشىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ، يەر شارىدا ئەركىن تۆۋەنلەېاتقان ئەھۋالدىمۇ ئېغىرلىق يوقىتىش ھادىسىسى بولىدىغانلىقىنى سىز ئاللىقاچان بىلىپ بولغان تۇرسىڭىز ، يەنە نېمىشقا ئىچكىرىلەپ يەنە بىر ئىھتىماللىقنىمۇ ئويلاپ باقمايسىز ؟
    ئالدىرىماڭ ، سىزنى بىزار قىلغان بۇ سەپەرمۇ تۈگەي دەپ قالدى . ئەڭ ئاخىرقى سوئال ؟ سىز يەنە بىر قېتىم ئالەم كىمىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭە ؟ دىدى فىزىكا ئالىمى . قارىسىڭىز ھەممە ئەھۋال يەر شارىدىكىگە ئوخشاش ، يەر شارىغا كەپ بولدۇقمۇ نىمە ؟ ياق ، بۇ قاقباش فىزىك مېنى يەنە ئالدىغان بولمىسۇن ، تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغاندىمۇ مۇشۇنداق سەزگۈ بولىدىغۇ . كىمە چوقۇم تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ . يەنە كېلىپ تىزلىنىشى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچ تىزلىنىشى بىلەن تەپمۇ تەڭ .
    ئەپسۇس ، بۇ سىناقلارنىڭ ھىچقايسىسىدىن ئۆتەلمىدىڭىز ، سىلەر ئاللىقاچان يەر شارىغا يېتىپ كەلدىڭلار ، قارىغاندا سىز ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ كەلمىگۈدەكسىز ، يۈرۈڭ ، مەن سىزنى دېزىنفىكسىيە ئۆيىگە باشلاپ باراي ......
    ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقىرىقى تەسۋېرلەردىن ئاللىقاچان مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشىنىپ بولدى بولغاي . ئەمدى يۇقىرىدا بىز بىلىۋالغان بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئەينى ېاقىتتا ئېينىشتىيىننىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى .
    1920-يىلى يازغان ماقالىسىدە ئۇ يەنە مۇنداق يازغان .
    « ... ئۇندىن كىيىن مەندە ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق پىكىر پەيدا بولدى . تارتىش كۈچى مەيدانى پەقەت بىر خىل نىسپىي مەۋجۇتلۇق . يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن تارتىش كۈچى مەۋجۇت ئەمەس . ئەگەر بۇ كۆزەتكۈچىنىڭ يېنىدىكى بىر نەچچە جىسىم كۆزەتكۈچىدىن ئايرىلسا ، ئۇنداقتا بۇ جىسىملار بىلەن كۆزەتكۈچى ئۆز ئارا تىنىچ ياكى ئۆز ئارا تەشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ ھەم بۇ جىسىمنىڭ فىزىكىلىق ، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىكى كۆزەتكۈچى ئۆزىنى تىنىچ ھالەتتە دەپ قارىسىمۇ بولىۋېرىدۇ .
    مۇشۇ پىكىر تۈپەيلى ، تارتىش كۈچى مەيدانىدا جىسىملار ئوخشاش تىزلىنىش بىلەن تۆۋەنلەيدىغان بۇ ھادىسە دەرھال چوڭقۇر فىزىكىق مەنىگە ئېگە بولدى . يەنى ، تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئەگەر پەقەت بىر ئەركىن چۈشىۋاتقان جىسىمنىڭ تىزلىنىشى باشقا ئەركىن چۈشىۋاتقان جىسىملار بىلەن ئوخشىمىسا ، ئۇنداقتا كۆزەتكۈچى بۇ ھادىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تاتىش كۈچى مەيدانىدا تۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ . ئەگەر مۇنداق جىسىم بولمىسا ( ئىنتايىن يۇقىرى ئىنچىكىلىكتىكى تەجرىبىلەن ئىسپاتلىدىكى مۇنداق جىسىم مەۋجۇت ئەمەس ) ئۇنداقتا كۆزەتكۈچى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ . ئەكسىچە ، كۆزەتكۈچى ئۆزىنى تارتىش كۈچى يوق ئورۇندا تىنىچ تۇردۇم دەپ قارىسا بولىۋېرىدۇ . شۇڭا ، تەجرىبىلەردىن بىلگەن ' ئەركىن چۈشۈش تىزلىنىشى جىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ' دېگەن بۇ ھۆكۈم ماھىيەتتە نىسپىيلىك پىرىنسىپىنى ئۆزئارا تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقان پايدىلىنىش سىستىمىسىغىچە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . »
    يۇقىرىقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىككى ئاساسى پەرىزىنى 1907-يىلىلا ئوتتىرىغا قويۇپ بولغان .
    1. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك پىرىنسىپى : فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق پايدىلىنىش سىستىمىسىدا ئوخشاش ئىپادىلەش شەكلىگە ئېگە .
    2. تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى : ھەر قانداق فىزىكىلىق تەجرىبە ئارقىلىق تارتىش كۈچى مەيدانى بىلەن تەڭ قىممەتتىكى تىزلىنىش مەيدانىنىڭ تەسىرىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدۇ .
    ھەر قانداق فىزىكىلىق نەزەرىيە چوقۇم مەلۇم ماتىماتىكا مودىلى ئىچىدە ماتىماتىكىلىق تىل بىلەن مىقدارلىق ھىساپلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىشى كېرەك . نىيوتوننىڭ دېففىرىنسئال بىلەن ئېنتىگرالنى كەشىپ قىلىشىمۇ پۈتۈنلەي سەييارىلەرنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى . كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ماتىماتىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەش ناھايىتى تەسكە چۈشتى . ئېينىشتىيىن نىيوتوندەك ماتىماتىكىغا ماھىر ئەمەس ئىدى ، لىكىن تەلىيىگە كەڭ مەنىدكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ماتىماتىكا ئىلمى ئاللىقاچان كەشىپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ ، كەشىپ قىلغۇچىنى ئىسمى بىلەن لېيمان گىئومىتىرىيەسى دەپ ئاتالغانىدى . لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇ گەئومىتىرىيە ئۈچۈنلا كەشىپ قىلىنغان نەرسىگە فىزىكىلىق مەنە بېرىش ، ھەم نۇرغۇن مۇرەككەپ ھىساپلارنى ئىشلەشكە كۆپ ۋاقىت كېتەتتى .( ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تاپشۇرغاندا نەچچە قېتىم تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بەزى ھىساپلاش خاتالىقلىرىنى بايقاپ قايتىدىن ئىشلىگەنىدى .) 1907-يىلى يۇقىرىقى ئىككى پىرىنسىپنى ئوتتىرىغا قويغاندىن باشلاپ ھىساپلىغاندىمۇ 1915-يىلىغىچە ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تاماملاشقا جەمئى 8يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى .
    ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تاماملىشىنىڭ ئەھمىيىتى بەك زور . كىيىنچە ئېينىشتىيىن ئۆزىمۇ ئۇ ۋاقىتلارنى تىلغا ئالغاندا ، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئۆزى چوڭ بىلىدىغان مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان . ئۇ يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئەينى ۋەقىتتىكى فىزىكا ئىلمىنىڭ ئېھتىياجى ، كىم بولمىسۇن ھامان بىرەيلەن چوقۇم نىيوتون مىخانىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتىرىغا قويغان بولاتتى . لىكىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس ، ئەگەر مەن ئۇنى تەرەققى قىلدۇرمىغان بولسام بەلكىم ھازىرغىچە ھىچكىمنىڭمۇ ئېسىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى .
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ئىجادچانلىق يۇقىرىقىدەك تەرىپلەشكە تامامەن ئەرزىيدۇ . ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن فىزىكا ئىلمىنىڭ تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ يۈكسىلىشتىن يەنە بىرنى بارلىققا كەلتۈردى . ھەر قانداق ھەرىكەت ھالەتتىكى جىسىمغا تەدبىق قىلىشقا بولىدىغان بۇ نەزەرىيە ئۇلۇغ بىرلىككە كەلگەن فىزىكا نەزەرىيىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم . ھەممىمىز بىلىمىز ، فىزىكا جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم . ھازىر ئېينىشتىيىن ھەر خىل ھەرىكەت ھالىتىدىكى جىسىملارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان نەزەرىيىدىن بىرنى بارلىققا كەلتۇردى ، دېمەك يۇقىرىقى خىزمەتنىڭ يېرىمى ئازايدى دىگەن گەپ ، ئەمدى پەقەت جىسىملارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى ( ھەر خىل كۈچ تەسىرى ) بىر ئورتاق نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسىلا فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئەسىرلەپ قوغلاشقان نىشانىغا يەتتۇق دېگەن سۆز .
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانىنى كۆرگەندىن كىيىن بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز مەن ئالدىنقى مەزمۇندا دەپ ئۆتكەن بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىنى تېىىمۇ ئېنىق چۈشەنگەن بولسا كېرەك . بىز مەلۇم ئەھۋاللاردا تەجرىبە ھادىسىلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ مەۋجۇت نەزەرىيەنىڭ قايسى يېرىدە يۇچۇق بارلىقىنى تېپىپ چىقالايمىز . ئېينىشتىيىن دەل تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ياراتتى . ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ خىزمەتنى باشلىغان ۋاقتى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋاقىت ئىدى . بۇ بىزگە ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا « نوقۇل ئەقلى پىكىر ئارقىلىقمۇ تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ » . ئېينىشتىيىن بۇيولنى باشلاپ بەرگەندىن كىيىن ئېينىشتىيىن باشچىلىقىدا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىز ھازىر بىلىدىغان تەبىئەت سىرلىرى ئېينىشتىيىن دەۋرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتتى. ئېينىشتىيىن ۋە ئۇنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېچىپ بەرگەن يېڭى ئىلىم ساھەلىرى تا ھازىرغىچە باشتىن ئاخىر فىزىكا ئىلمىنىڭ قىزىق نوقتىسى بولۇپ كەلمەكتە . كىيىنكى باپتا بىز ئايرىم ئايرىم ماقالىچاق شەكلىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ كىيىن ئىنسانلار تۇرمۇشى ۋە ئىلىم پەن تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .

    3. ﺑﺎﭖ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئەگەشكەن ھىسلار
    1. ئۇلۇغ زاتنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى تاماملىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېينىشتىيىن دىققىتىنى ئالەمنىڭ ماھىيىتىگە ، ئىنسانلارنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخىمۇ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا قاراتتى. 1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن تۇنجى ئىلمى ئالەم مودىلىنى ئوتتىرىغا قويدى ۋە ئىلمى ئالەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالدى . 1935-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا داۋاملىق ئالەمشۇناسلىق ۋە كىۋانىت نەزەرىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى . 1935-يىلىدىن كىيىن بارلىق كۈچىنى بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىگە قاراتتى . تاكى 1955-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى توختاتمىدى .
    ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەن « قولىغا بىر تاختاينى تۇتقۇزۇپ قويسا نىپىز يېرىگە نۇرغۇن تۆشۈكچىلەرنى تېشىدىغان » تەتقىقاتچىلارغا ئوخشىمايىتتى . 1953 - يىلى بىرەيلەن ئۇنىڭدىن بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ «شۇنچە كۆپ ۋاقىتنى بىر نەتىجىسىز خىزمەتكە سەرىپ قىلىشقا ئەرزىمدۇ ؟ » دەپ سورىغىنىدا ، ئېينىشتىيىن پەرۋاسىز ھالدا « مەن ھازىرغىچە ھىچ بولمىغاندا 99خىل يولنىڭ مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقتىم » دېگەنىدى .
    ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىدىن سىرىت ئۇ يەنە ھەر خىل خەلىقئارا ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ياكى ئۆزى تەشكىللەپ ،ئىنسانلارنىڭ تىنىچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تىرىشتى . 1939-يىلى ئامرىكىدىكى بەزى يادرو ئالىملىرى زوڭتۇڭ روزۋېلىتقا يازغان خەتكە ئىمزا قويۇپ ، زوڭتۇڭدىن يادرو تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا بۇ قارار گېرمانىيە فاشىسىتلىرىنىڭ ئاۋال يادرو قورالىغا ئېگە بولىۋېلىپ دۇنيانى كونتىرول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى . 1945-يىلىئۇرۇش ۋەزىيىتى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغاندا ياپونىيەگە تاشلانغان ئىككى ئاتوم بومبىسى ئېينىشتىيىننى يۇقىرىقى قارارى ئۈچۈن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى . ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇ « خەلىقئارا يادرو قوراللىرى پەۋقۇلئاددە كومىتىتى » نى قۇرۇپ ھەم ئۆزى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ ، يادرو قورالىنى « خەلىقئارا ھۆكۈمەت » نىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ، ۋودوروت بومبىسى تەتقىقاتىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى .
    1945-يىلى 12-ئايدا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن نوبىل زىياپەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھى دۇنياسىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ .
    « فىزىكا ئالىملىرى ئۆز تەقدىرىنىڭ نوبىلنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىماقتا . نوبىل مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ قۇدرەتكە ئىگە پارىتلاتقۇچ دورىنى __ بىر خىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ھالاك قىلىش ۋاستىسىنى كەشىپ قىلدى . ئۇ بۇ 'مۇۋەپپىقىيىتى ' گە خاتىمە بېرىش ، ئۆز ۋىجدانىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ، نوبىل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ ، تىنىچلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ... بۈگۈنكى كۈندە بىزدە تىنىچلىق تەمىن ئېتىلمىدى ، شۇنىڭدەك ئاتلانتىك ئەھدىنامىسىدە ۋەدە قىلىنغان تۈرلۈك ئەركىنلىكلەر ئىشقا ئاشمىدى . ئۇرۇشتا يەڭدۇق ، لىكىن تىنىچلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىدۇق ...... »
    ئېينىشتىيىن بۇرۇندىنلا ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئەركىنلىكى بولىشىنى تەكىتلەيىتتى . شۇڭا ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئەركىنلىكى كەم ، ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتكە يولسىز ئارىلىشىۋالىدۇ دەپ تەنقىد قىلاتتى . ئۇرۇشتىن كىيىن ئامرىكىدا ئەۋىج ئالغان فاشىزىم ئىدىيىسىگىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق قارشى تۇردى . 1954-يىلى ئېينىشتىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىگە پەيدا قىلغان تەھدىتىگە قارشى ئاشكارا بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىگەن.
    « ھازىر ئىلىم ئەركىنلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە : ھۆكۈمەت بىزنىڭ دۆلىتىمىز سىرىتقى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ ، تاجاۋۇزغا ئۇچرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەركىنلىكى ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكى ، ئاخبارات ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ھۆكۈمەت مۇنداق بىر خىل ھالەتنى پەيدا قىلدى : كىشىلەر ئىقتىزادى مەنبەدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئاقىۋەتتە ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ، ھەتتا شەخسىي ئالاقىلاردىمۇ ھەم شۇنداق . بۇ خىل ھالەت دىموكراتىك ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن بىر تەھدىت . »
    1952 -يلى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ زوڭتۇڭلۇقىغا كۆرسىتىلدى . بىراق ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىدىن خەۋىرى يوقلىغىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتتى . لىكىن ئۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا «تەڭلىمە مەن ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ، چۈنكى سىياسى دېگەن ۋاقىتلىق نەرسە ، لىكىن بىر تەڭلىمە بولسا مەڭگۈلۈك .»
    1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى ، لىكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى ، نەزەرىيىسى تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ۋە بىلىم خەزىنىسىنى زەرەتلەپ تۇرماقتا .
    خۇددى ئامرىكا ئالىمى بىروئۇن . فالون ئېيىتقاندەك ئەگەر تارىخى نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا ، ئېينىشتىيىننىڭ ئىنسانلار مەدىنىيىتىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئويلىغاندەك 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولغانلىقى ئەمەس بەلكى كىشىلەرگە غايىۋى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكى ___ ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى نۇرغۇنلىغان ياش مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھايات يولىنى يورۇتتى . بۇ كىشىلەرنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن باشقا مۇتەپەككۇرلارنىڭ تۆھپىلىرى ئېينىشتىيىننىڭ تۆھپىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدۇ .
    بۇ دەل كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان ئېينىشتىيىن ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيە ____ بىر ئالاھىدە تالانىت ئېگىسى نەچچە ئەۋلاد ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئويغۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپە قوشقۇچى ۋە باشقىلارنىڭ ئۈلگىسى بولىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ .بۇ بىر ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدىغان جەريان . بۇ بەلكىم بىز ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ !


    2.نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارەتلىرى
    ياخشى بىر نەزەرىيە ئىلگىرى بايقالغان ھادىسىلەرنىلا چۈشەندۈرۈپ قالماي يەنە تېخى بايقالمىغان ھادىسىلەردىن بىشارەت بېرەلىشى كېرەك . بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىمۇ بىر ياخشى نەزەرىيە . 1781-يىلى ئاستىرونوملار ئۇران سەييارىسىنى بايقىغاندا بۇ سەييارىنىڭ ئوربىتىسىدا بىر ئاز نورىمالسىزلىق بارلىقىنى بايقىغان .ئاستىرىنوملار بۇنى تېخى تېپىلمىغان بىر سەييارىنىڭ ئۇراننى تارتىپ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ پەرەز قىلىشقان ۋە ئەنگىلىيە ئالىمى ئادامىس بىلەن فىرانسىيە ئالىمى لېۋېرىي نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ، قىياس قىلىنغان سەييارىنىڭ ئورنىنى ھىساپلاپ چىققان ئىدى . 1846-يىلى گىرمانىيەلىك ئاستىرونوم گاللىي تېلىسكوپنى لېۋېرىي كۆرسەتكەن ئورۇنغا توغرىلىغاندا دەرۋەقە بىر يېڭى سەييارىنى كۆردى . كىيىن نىپتون دەپ ئاتالغان بۇ سەييارىنىڭ تېپىلىش جەريانى نىيوتون ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنىڭ شانلىق غەلىبەلىرىدىن بىرى .
    ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىچۇ ؟
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىشارەتلىرىدىن بىرى نۇرنىڭ قۇياشنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەندە تارقىلىش يۆنىلىشىدە ئېغىش كۆرىلىدىغانلىقى .
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن قۇياشنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەن نۇر قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئېگىلىش يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن يۆنىلىشىدە ئېغىش ھاسىل بولىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇياش توسىۋالغان دائىرىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ . ( كەچۈرۈڭلار ، رەسىمىنى سىزىپ ئەۋەتىش مۇمكىن بولمىدى )
    1915-يىلى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تاپشۇرغاندا نۇر قۇياش ئەتراپىدىن ئۆتكەندىكى ئېغىش بۇلۇڭىنىڭ 1.7سىكونىت بولىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى . بۇ دوكلاتىدا ئۇ يەنە بۇ ھادىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ تونۇشتۇردى : ئاۋال مەلۇم تۇرغۇن يۇلتۇزنى رەسىمگە تارتىۋالىمىز . ( ئاستىرونوملاردا يىتەرلىك توغرىلىق دەرىجىسىدىكى يۇلتۇزلار جەدۋېلى بار ) كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا بۇ يۇلتۇز قۇياش تەرپىدىن توسىۋېلىنغاندا يۇلتۇز نۇرى قۇياش ئەتراپىدىن ئۆتكەندە ، يۇلتۇز نۇرىدا ئېغىش يۈز بېرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم رەسىمگە ئېلىۋالىمىز . ئىككى پارچە رەسىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق نۇرنىڭ ئېغىش دەرىجىسىنى ھىساپلاپ چىقىشقا بولىدۇ .
    كىيىن ئەنگىلىيە ئالىمى ئىدىنتوننىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرىنىۋىچ رەسەتخانىسى ئىككى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەشكىللەپ ،1919-يىلىدىكى كۈن تۇتۇلۇشتىن پايدىلىنىپ ئېينىشتىيىننىڭ بىشارىتىنى تەكشۈردى . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىدىنتون يىتەكچىلىك قىلغان گورۇپپىنىڭ نەتىجىسى 1.63 سىكونىت ، يەنە بىر گورۇپپىنىڭ 1.98بولۇپ ، ئوتتىرىچە نەتىجىسى 1.74سىكونىت ئېينىشتىيىن كۆرسەتكەن نەتىجىگە ناھايىتى يېقىنلاشقانىدى . ھازىر بۇ سان ئۇمۇمەن 1.75سىكونىت دەپ قارالماقتا.
    ئۇنىڭدىن باشقا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىىسىگە ئاساسەن خۇددى ئېلىكتىر - ماگىنىت تەسىرى ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىغا تايىنىپ تارقالغىنىغا ئوخشاش ، تارتىش كۈچى تەسىرى تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئەگىشىپ تارقىلىدۇ . بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان تېللىر بىلەن خولىس 1993-يىلىدىكى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
    قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارەتلىرىدىن بىرى . ھازىر كۆرىۋاتىمىزكى قارا ئۆڭكۈر تەتقىقاتى ھازىر فىزىكىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتىلارنىڭ بىرى ھەم بىز ئاللىقاچان ئالەمدە نەچچە مىليۇنلىغان چوڭ - كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەرنى بايقىدۇق ، ھەتتا ئامرىكا ئالىملىرى تەجرىبىخانىدا مىكرو قارا ئۆڭكۈر ياساپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى .
    مەن 2004- يىلى بۇ كىتاپنى يېزىشقا تەييرلىق قىلىۋاتقىنىمدا توردىن بىر خەۋەردە ئامرىكا ئالىملىرىنىڭ سۇنئى ھەمرانىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ھەرىكىتىنى كۈزىتىش داۋامىدا تۇنجى قېتىم كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارەتلىرىدىن بىرى بولغان ئۆز ئوقىدا ئايلانغان جىسىم ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئېگىلىش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم . بۇ خەۋەر ھەقىقەتەنمۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئوتتىرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ100يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىكىتىلگەن « 2005 خەلىقئارا فىزىكا يىلى » ئۈچۈن بىر چوڭ خوش خەۋەر

    مەنبە :http://www.izdinix.com






    salkin.blog