• ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ، ﻗﺎﺭﺍ ﯲﯕﻜﯜﺭ ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ(5) - [科学]

    5. ۋاقىت سەپىرى
    كىچىكىمدە چوڭلار دائىم مۇنداق ھىكايە ئېيتىپ بېرىدىغان .
    بىر ئائىلىنىڭ بىر قىزى بولۇپ ، ئەخلاق ، ھۆسىن ، ئىلىم جەھەتتىن تەڭداشسىز ئىكەن . قىز رەسىدە بولغان كۈنلىرىدە قىزنىڭ نامىنى ئاڭلىغان 3يىگىت تەڭلا ئەلچى كىرگۈزۈپ قاپتۇ . بۇ يىگتلەرمۇ بىر-بىرىدىن باھادىر ، مەرىت، ئەقىللىق ئىكەن . قىز قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي ئاخىرى يىگىتلەرگە 3ئايلىق مۆھلەتتە سەپەرگە چىقىشنى ، كىم مۇشۇ سەپىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قىممەتلىك نەرسىنى تېپىپ كېلەلىسە شۇنىڭغا ياتلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىگىت ئۈچ تەرەپكە يولغا چىقىپتۇ . 3ئايدىن كىيىن مەلۇم ياقا ئەلدە ئۈچ يىگىت ئۇچرىشىپ قاپتۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ تاپقان نەرسىسىنى سۈرۈشتۈرۈشۈپتۇ . بىرىنجى يىگىتنىڭ تاپقىنى جاھاننامە ئەينەك ئىكەن ، جاھاننىڭ ھەر قانداق يېرىدە بولىۋاتقان ئىشلارنى دەرھاللا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن . ئىككىنجى يىگىتنىڭ تاپقىنى بولسا خىسلەتلىك تۆگە بولۇپ ( يەنە بىر ۋارىيانتىدا ئۇچار گىلەم دىيىلىدۇ ) بىر ئاش پىشىمغا يەتمىگەن ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە بارالايدىكەن . ئۈچىنجى يىگىتنىڭ تاپقىنى بولسا خىسلەتلىك ئانار بولۇپ ، ئۆلگەن كىشىگە ئانار سۈيىنى ئىچكۈزسە ، ئۆلگەن كىشى قايتىدىن تىرىلىدىكەن . يىگىتلەر بىر-بىرىنىڭ نەرسىلىرىنىڭ خىسلەتلىرىنى بىلىشىپ بولۇشقاندىن كىيىن ، جاھاننامە ئەينەكتىن قىزنىڭ ئائىلىسىدە نىمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەك بولۇشۇپتۇ . جاھاننامە ئەينەكتە ئايان بوپتۇكى ، قىز ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا دەل مىيىتىنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ ماڭغىلىۋاتقانىكەن . شۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر خىسلەتلىك تۆگىگە مىنىپتۇ دە ، قىزنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ . بارغاندىن كىيىن مىيىتنى يېرىم يولدا توختىتىپ خىسلەتلىك ئانار بىلەن قىزنى تىرىلدۈرۈپتۇ . لىكىن قزى تىرىلگەندىن كىيىن كىمگە تېگىشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ بىلەلمەي قاپتۇ ، ئۈچ يىگىت بولسا كىمنىڭ تۆھپىسى چوڭلىقى ھەققىدە تالاش تارتىشقا چۈشۈپتۇ ...
    شۇنداق ، بۇ پەقەت بىر ھىكايە ، لىكىن بىز بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت ئاتا قىلغان ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە بولغان گۈەل ئارزۇ ئارمانلىرىنى كۆرىۋالالايمىز . قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى جاھان ئەمىلىيەتتە تەرشارىنىڭ سىرىتقى يۈزىدىكى شۇ ەۋىردىكى كىشىلەر بىلىپ يەتكەن ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئاز بىر قىسىم دائىرە ، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھازىر جاھاننامە ئەينەك ، خىسلەتلىك تۆگە چۈشلىرى ئەمەلەە ئاشتى دېيىشكە بولىدۇ . خىسلەتلىك ئانار بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ ، بىزنىڭ داۋالاش تېخنىكىمىز ناھايىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .لىكىن بىلىش دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىەە ئەگىشىپ بىز بىلىۋالدۇقكى ئالەم قەدىمكىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ چوڭ ، غايەت چوڭ . بىز ياشاۋاتقان يەر شارى بولسا قۇياش سىستىمىسىدىكى بىر پىلانىت . قۇياش سىستىمىسى بولسا سامان يولى سىستىمىسىدىكى 200مىليارىدتىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىرى . سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان نۇرمۇ سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە بېرىشقا 100مىڭ يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ . سامان يولى سىستىمىسىمۇ ئالەمنىڭ ھەمىسى ئەمەس . بىز ھازىر كۆرىۋاتقان دائىرىدە سامان يولى سىستىمىسىغا ئوخشاش يۇلتۇزلار سىستىمىسىدىن 100مىليارىتتىن ئارتۇقى بار ، سامان يولى سىستىمىسى تېخى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر كىچىكى ھېساپلىنىدۇ . بۇ قەدەر چوڭ دائىرىگە نىسبەتەن جاھاننامە ئەينەك ، ئۇچار گىلەم چۈشلىرى تېخى رىئاللىققا ئايلانغىنى يوق . بىزنىڭ بۇ پارچە مەزمۇندا تونۇشۇپ چىقدىغىنىمىز قەدىمكىلەرنىڭ يۇقىرىقى چۈشلىرىنىڭ ھازىرقى زامان نۇسخىسى بولغان ماكان - زاماندىن ھالقىغان سەپەر ۋاستىسى ____ ۋاقىت ماشىنىسى ۋە ماكان كارىدورى .
    مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ھازىرقى زاماندىكى ئاستىرونومىيە تېلىسكوپلىرىنىڭ ھەر بىرى بىر جاھاننامە ئەينەك . ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بىزنىڭ تېلىسكوپلاردىن كۆرىۋاتقان مەنزىرىلىرىمىز بىز كۆزەتكەن جايلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەمەس بەلكى نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى ھالىتى . چۈنكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن بىلىۋالدۇقكى ئالەمدىكى ئەڭ تىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى ئېلىكتىر-ماگىنىت دولقۇنىنىڭ تىزلىكى سىكونىتىغا 300مىڭ كىلىومىتر، بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ___ قۇياشنىڭ نۇرى يەرشارىغا يېتىپ كېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 8مىنۇت كېتىدۇ . بىز ھەر بىر دەقىقىدە كۆرىۋاتقان قۇياش ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن 8مىنۇت ئىلگىرىكى قۇياش . قۇياش سىستىمىسىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز بىزدىن 4.3نۇر يىلى يىراقلىقتا ، يەنى ئۇنىڭدىن چىققان نۇر 4.3يىل ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ . بىز تېلىسكوپتا ئالەمنىڭ قانچە چوڭقۇر يېرىگە قارىغانسىرى ئەمىلىيەتتە كۆرىدىغىنىمىز شۇنچە بۇرۇنقى ئىشلار .
    يەر شارىدا بۇرۇن بولغان ئىشلارنىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈسكىنە ئارقىلىق كۆرۈش مۇمكىن . يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى ئالەم بوشلۇقىغا بىريۇقىرى ئىقتىدارلىق سىن ئېلىش ئاپاراتى ئورۇنلاشتۇرساق ، يەنە يەر شارىدىن ناھايىتى يىراق بىر ئورۇنغا ناھايىتى چوڭ بىر قوبۇل قىلىش__تارقىتىش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرساق ، سىن ئېلىش ئاپاراتى يەر شارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى خاتىرىلەپ ئېلىكتىر-ماگىنىت ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇپ يىراقتىكى ئۈسكىنىگە تارقاتسا ، بىز يىراقتىكى ئۈسكىنە بىزگە قايتۇرغان ئېلىكتىر -ماگىنىت ئۇچۇرىنى يەشكەندىن كىيىن يەر شارىنىڭ نەچچە ئون يىللار ھەتتا نەچچە يۈز يىللار بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆرەلەيمىز . يىراقتىكى قوبۇل قىلىش-تارقىتىش ئۈسكىنىسىنىڭ بىز ىبلەن بولغان ئارىلىقىنى تەڭشەش ئارقىلىق كۆرمەكچى بولغان ئۆتمۈشنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى تەڭشەشكە بولىدۇ . ( لىكىن بۇنى راستىنلا قىلدى دىيىلسىمۇ يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كىيىنكى ئىش )
    كەلگۈسىگە سەپەر قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تېخىمۇ ئالاھىدە . بىرى بىز ماسسىسى ناھايىتى چوڭ بولغان لىكىن ھەجىمى ناھايىتى كىچىك شار شەكىللىك ئۆي ياسىشىمىز كېرەك . يەنە بىزنىڭ ئورنىمىز بۇ شار شەكىللىك ئۆينىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كېرەك . بىز پەقەت بۇ ئۆينىڭ مەركىزىدىكى ئورۇندا بىر مەزگەىل تۇرپ چىقساقلا سىرىتقى ئالەمدە خېلىلا كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز . ( كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ ) ئەگەر بىز قۇياش سىستىمىسىدىكى ئەڭ چوڭ پىلانىت يوپىتىرنى ئىشلىتىپ بۇنداق ئۆينى ياسىدۇق دېسەك ، يوپىتىرنىڭ رادىئوسىنى 6.7مىتىرغا كىچىكلىتىشىمىز ( دىققەت ، ماسسىسى ئۆزگەرمەيدۇ ) كېرەك . مۇشۇنداق ئۆيدە 5يىل تۇرۇپ چىققاندا سىرىتقى ئالەمدە ئاللىقاچان 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ .
    يەنە بىرى ئالەم كىمىسىگە چىقىپ بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئالەم سەپىرى قىلىش ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سىز يەر شارىدا نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز .
    ھالبۇكى يۇقىرىقى ۋاقىت ساياھەتلىرى كىشىنى ھەرگىزمۇ رازى قىلالمايدۇ . كىشىلەرنىڭ كۆپرەك ئارزۇ قىلىدىغىنى ئۆتمۈشنى كۆرۈپ تۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشكە قايتىپ بەزى ئىشلارنى ئەمىلى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىش ياكى بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتىش . بىزنىڭ تېخىمۇ قىزىقىدىغىنىمىز يىراق ئالەمنىڭ ھازىرقى ھالىتى ، بۇرۇنقى ھالىتى ئەمەس . بىزنىڭ ئۇمىد قىلىدىغىنىمىز كەلگۈسىگە بېرىپ بەزى ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يەنە قايتىپ كېلىش ، قايتىپ كېلىپ ھازىرقى ئۇرۇق تۇققان ، دوسىت بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ياشاش . بىز يۇقىرىدا كۆرسەتكەن ئۇسۇلدا كەلگۈسىگە سەپەر قىلغۇچى سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققان ، دوسىت بۇرادەرلىرىنىڭ ئاللىقاچان قېرىپ ياكى قازا قىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدىغان بولغاچقا ، ھىچكىممۇ بۇ خىلدىكى ۋاقىت سەپىرىنى قىلىشنى خالىمايدۇ . بىزگە لازىمى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆتمۈشكە ياكى كەلگۈسىگە بېرىپ يەنە قايتىپ كېلىشكە بولىدىغان ۋاقىت ماشىنىسى ياكى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئالەمدىكى ھەرقانداق ئورۇنغا بېرىپ يەنە قايتىپ كەلگىلى بولىدىغان يىراق ماكانلار ئارىسىدىكى يېقىن « كۆۋرۈك » . ( مەن بۇنى كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان ماكان كارىدورى دېگەن نام بىلەن ئاتاشنى ياقتۇرىمەن )
    « ماكان كارىدورى » غا ئائىت تۇنجى ئىلمى تەتقىقات 1916-يىلى كۆرۈلگەن . 1916-يىلى لۇدۋىگ . فىلامى ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ ئالەمنىڭ يىراق ئارىلىقتىكى ئورۇنلىرى ئارىسىدا قىسقا مۇساپىلىك « كۆۋرۈك» مەۋجۇت بولۇشقا يول قويىدىغان يېشىمىنى تېپىپ چىقتى . بۇ خىل « كۆۋرۈك » ( ماكان كارىدورى )كە كىيىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئىمپۇلىس ئۆڭكۈر دەپ نام بېرىلدى . 1935-يىلى ئېينىشتىيىن بىلەن نىجېن . روسىن بىرلىكتە ماقالە ئىلان قىلىپ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك « كۆۋرۈك » ( ماكان كارىدورى ) نىڭ مەۋجۇت بولىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى . 1949-يىلى كۇرىت. گېدىئىر كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى يول قويىدىغان يېڭى بىر ماكان- زامان مودىلىنى بايقىدى . ئۇ تەسۋېرلىگەن ئالەم ئايلانما ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ ، ماكان-زامان مەيدانىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم سەپىرى قىلغاندىن كىيىن يەنە ئۆزى تېخى سەپەرگە چىقمىغان ۋاقىتتا ئەسلى ئورۇنغا قايتالايىتتى . بۇ فىزىكا قانۇنىيىتىنىڭ ۋاقىت سەپىرىگە يول قويىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىدى . لىكىن بىز بىلىمىزكى بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم ئايلانما ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالەتتە ئەمەس ، گېدىئىرنىڭ ئالەم مودىلى تەسۋېرلىگىنى بىزنىڭ بۇ ھەقىقى ئالەم ئەمەس بەلكى ماتىماتىكىلىق ، فىزىكىلىق جەھەتتە مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر خىل ئالەم خالاس . لىكىن ئەينى ۋاقىتلاردا ھەممە فىزىكا ئالىملىرى بۇ نەتىجىلەرگە پەقەت ماتىماتىكىلىق ئويۇن قاتارىدىلا مۇئامىلە قىلىشقانىدى .
    1985-يىلىغا كەلگەندە ئامرىكىلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى سوئېن ۋاقىت ئۈسكۈنىسى مەسىلىسىگە قىزىقىپ قالدى . ئۇ ئىككى ياردەمچىسى بىلەن بىرلىكتە 1916-يىلى بايقالغان ئىمپۇلىس ئۆڭكۈر ( ماكان كارىدورى ) نىڭ ئەمىلىيەتتە بىر خىل ۋاقىت ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . يەنى بىز ئىمپۇلىس ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىپ ۋاقىت سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرالىشىمىز مۇمكىن .
    لىكىن سوئېن ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرنىڭ ماكان - زامان مەيدانىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ مەنپىي ئېنىرگىيە زىچلىقىغا ئېگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى . يەنى ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمى مەنپىي ئېنىرگىيە زىچلىقىغا ئېگە بولىشى كېرەك ئىدى، شۇندىلا ماكان-زامان جەھەتتىن يىراقتىكى ئىككى ئورۇن ئارىلىقىدا قىسقا مۇساپىلىك باغلىنىش ھاسىل قىلغىلى بولاتتى .
    مەنپىي ئېنىرگىيە ئاتالغۇسىنى ئاڭلاپ بەلكىم ھەيرانلىق ھىس قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، توغرا تۇرمۇش تەجرىبىسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگچە بولغان فىزىكىلىق نەزەرىيىلەر بولسۇن بىزنىڭ ئۇچرىتىدىغىنىىمىز دەممىسى مۇسبەت ئېنىرگىيە . ھالبۇكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن تەڭ قەدەمدە باش كۆتۈرگەن فىزىكىنىڭ يەنە بىر تارماق ئىلمى بولغان كىۋانىت نەزەرىيىسى بويىچە مەنپىي ئېنىرگىيە ھالىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت .
    ئىمپۇلىس ئۆڭكۈر مەنپىي ئىنىرگىيەگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە بىز ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ بولغىچە يىتەرلىك ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كېرەك . بىراق ئادەتتىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى مۇسبەت ئېنىرگىيە زىچلىقىغا ئېگە ، شۇڭا ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرگە يېقىنلىغان ھامان ھەر قانداق بىر ماددا ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرنىڭ ماكان زامان تۈزىلىشىدە ساۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىمپۇلىس ئۆڭكۈر تىزلا ئوتتىرىدىن قىسىلىپ ، ئوتتىرىدىكى تۇتۇشۇش نۇقتىسىدا غەلىتە نۇقتا ( شىۋارسىچىلىد غەلىتە نوقتىسىغا ئوخشاش ) ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا ئىمپۇلىس ئۆڭكۈر گە قاراپ ھەرىكەت قىلغان ھەر قانداق بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەمىلىيەتتە ئىمپۇلىس ئۆڭكۈردىن ئۆتمەستىنلا غەلىتە نۇقتىغا سوقۇلۇپ ھالاك بولىدۇ .
    ئۇنداقتا تېخىمۇ يۇقىرى پەن ترخنىكىغا ئېگە بولغان مەدىنىيەت ئىمپۇلىس ئۆڭكۈرنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋاقىت سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ يوق ؟
    فىزىكىنىڭ جاۋابى : تېخى ئېنىق ئەمەس . چۈنكى مەسىلىنىڭ ئەڭ نىگىزى بولغان تەبىئەتنىڭ ۋاقىت سەپىرىگە يول قويىدىغان قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق تەجرىبىلىك ئىسپات يوق .
    فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ۋاقىت سەپىرىگە قىزىقىپ قېلىشى بىلەن ، ئۇزۇن ۋاقىت فانتازىيەلىك ھىكايە يازغۇچىلىرى ئارىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن بەس-مۇنازىرە فىزىكا ساھەسىگە كىرىپ كەلدى . ئەلۋەتتە فىزىكىشۇناسلار يازغۇچىلارغا قارىغاندا ئادەمنىڭ سۇبىكتىپ ئارزۇسىغا ئەمەس بەلكى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ .
    ئەگەر يۇقىرى تېخنىكىغا ئېگە مەدىنىيەت ۋاقىت ماشىنىسى ياسىيالىسا ، بىز نېمىشقا كەلگۈسىدىن كەلگەن مىھمانلارنى ئۇچراتمايمىز ؟ ئۇلار نېمىشقا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ « ئاتا - بوۋېلىرى» غا ۋاقىت ماشىنىسى تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويمايدۇ ؟
    ۋاقىت سەپىرى قىلىپ ئۆتمۈشكە قايىتقۇچى تارىخنى ئۆزگەرتەلەمدۇ ؟ ئەگەر بىر ۋاقىت سەپىرى قىلغۇچى ئۆتمۈشكە قايتىپ ئۆزىنىڭ مومىسىنى ئۆلتۈرىۋەتسە ( مىسال ) ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟ ( چۈنكى مومىسى بولمىغان بولسا ئۇمۇ بولمىغان بولاتتى )
    ۋاقىت سەپىرىنى قوللىغۇچىلار ھەر خىل سەۋەپلەرنى ، پەرەزلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، تېخى قانائەتلىنەرلىك ئەمەس . لىكىن بۇ ۋاقىت سەپىرىگە پۈتۈنلەي زىيانلىقمۇ ئەمەس . بەلكىم « كەلگۈسى » دېگەن نەرسە پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەستۇر ، يەنى كەلگۈسى تېخى خەت يېزىلمىغان قەغەز ، بىزنىڭ يېزىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا . ئەمىلىيەتتىمۇ مۇقىم بولغان كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى ئىنكار قىلغان بىلەن باراۋەر . شۇ تۈپەيلى بىزنىڭ ئالدىنقى سوئالىمىز قىلچە مەنىسىز بولىشى مۇمكىن .
    بەلكىم تەبىئەت تارىخنىڭ مۇقىم بولىشى ئۈچۈن ۋاقىت سەپىرى قىلغۇچىلارنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويمايدىغاندۇر . يەنە بەلكىم ۋاقىت سەپىرى قىلغۇچى ئۆتمۈشكە قايتىپ تارىخنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دۇنياسىغا قايتالماي ، يەنە بىر پاراللىل دۇنياغا كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . مەسىلەن تىنىچلىقپەرۋەردىن بىرەرى ئۆتمۈشكە قايتىپ 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن بۇرۇنلا گېتلىر قاتارلىق ئۇرۇش كاتتىۋاشلىرىنى ئۆلتۈرېۋىتىپ ، دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمۇ مۇمكىن ، لىكىن ئۇنىڭ قايتىدىغىنى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ھازىرقى دۇنيا ئەمەس بەلكى بىز بىلەن پاراللىل بولغان ھالەتتىكى تارىخىدا 2-دۇنيا ئۇرىشى يۈز بەرمىگەن يەنە بىر دۇنيا .
    يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ۋاقىت سەپىرىنىڭ مۇمكىن بولۇش - بولماسلىقى ھەققىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈم بىزنىڭ ئالەمنىڭ ماكان - زامان تۈزۈلىشىەە بولغان تونۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . سىتىۋېن . خافكېڭ بۇ تەرەپتىكى تەتقىقاتىغا ئاساسەن « ۋاقىت تەرتىپى ساقلىنىش » پىرىنسىپىنى ئوتتىرىغا قويدى . ئۇنىڭ بۇ پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەر قانداق ۋاقىت سەپىرى قىلغۇچى كۆزلىگەن ئورۇنغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋاقىت ماشىنىسىنىڭ پارىتلىشى بىلەن ھاسىل بولغان غەلىتە نۇقتىغا سوقۇلۇپ ھالاك بولىدۇ ، يەنى تەبىئەت ساقىت سەپىرىگە يول قويمايدۇ . لىكىن ئامرىكا ئالىمى سوئېن ، گائوت قاتارلىقلار ۋاقىت سەپىرىگە يەنىلا ئۈمىدۋار نەزەردە قارىماقتا . يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تەرەپتىكى تېخىمۇ يېڭى خەۋەرلەردىن خەۋەر تاپقايمىز
    قارا ئۆڭكۈرنىڭ رەسىمى

    خام خىيال

    خۇددى كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك مەن كىتاپنىڭ ئاخىرىدا غەرىپ ئەللىرى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشتىكى قىزىقىش نۇقتىسى ، دۇنيا قاراش مەۋقەسى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرىقلەر ھەققىدە توختالماقچى ئىدىم . بۇ دەل مۇشۇلارنى مەزمۇن قىلغان ماقالە . بۇ ماقالىگە « خام خىيال » دەپ نام قويۇشۇم مېنىڭ بۇ ماقالە ئارقىلىق ئوتتىرىغا قويماقچى بولغان تەۋسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەمىلىيەتتە مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق قانداقتۇر چوڭ بىر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى ئەمەس بەلكى ئۆزۈم تەتقىقات قىممىتى بار دەپ قارىغان بىر يۆنىلىشنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى .

    مەن بۇ كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك مەن بۇ كىتاپچىدا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر قىسىم فىزىكا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە غەرىپ يېقىنقى زامان تەبئى پەن تەتقىقاتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ، تەرەققى قىلىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشقانىدىم . لىكىن كىتاپ پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئىككىنجى قاتلامدىكى نىشاننىڭ يەنىلا ئانچە ئېنىق ئىپادىلىنەلمەي قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم . مېنىڭ بۇ كىتاپتا كىتاپ مەزمۇنىغا ئانچە مۇناسىۋېتى بولمىغان بۇ نىشاننى قوغلىشىشىمدىكى مەخسەت ئەمىلىيەتتە ، كىتاپتا غەرىپ يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ مۇقالىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تېخىمۇ چوڭ بىر تىمىنى ئوتتىرىغا قويۇش ئىدى .

    يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە شەكىللىنەلمىگەن ؟

    بۇ سوئال ئەمىلىيەتتە بۇندىن بۇرۇن باشقا مىللەتلەردە باشقا شەكىلدە ككپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ بولغان ، بىزگە بىر قەدەر تونۇشلىرىنى مىسال ئېيىتساق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتىرىلىرىدىن باشلاپلا چەتئەلدىكى جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى ، جوڭگۇلۇقلار شۇنداق ئويلىنىشقا باشلىغان : يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتى نېمە ئۈچۈن جوڭگۇ جەمىيىتىدە شەكىللىنەلمىگەن ؟

    بۇ سوئالنى خالىغان مىللەت ياكى رايوندىكى خەلىقلەر ئۆزىنىڭ نامىنى قوشۇپلا بۇ سوئالنىڭ يەنە باشقا ۋارىيانتىنى ئوتتىرىغا قويۇشى تامامەن مۇمكىن . لىكىن ئۇلار بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . بىزگە مۇھىمى يەنىلا شۇ سوئال :

    يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە شەكىللىنەلمىگەن ؟

    بەزىلەر بەلكىم بۇ سوئالنى بىمەنىلىك ھىس قىلىشى ، خوجىلار توپىلىڭىدىن كىيىن غەرىپ دەل ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا يىلغا ئالغۇسىز جاھالەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بىر مىللەتتىن يۇقىرىقىدەك ئۈمىدنى كۈتۈشنى ئەخمىقانىلى دەپ قارىشى مۇمكىن . بۇنداق قااشلار مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس . مېنىڭ ئۇنداقلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئالەم سىرلىرى ، مەۋجۇدىيەت ماھىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى مىللەتنىڭ تاكى ئادەملىك تۇرمۇشىنى باشلىغاندىن كىيىنكى بارلىق مىللەت ئاڭ جۇغلانمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، قانداقتۇر بىرەر كونكىرىت تارىخى ۋەقەنىڭ مىللەتنىڭ ئۇمۇمى ئېڭىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەرگىزمۇ تۈپ خاراكتىرلىك ئەمەس . ئۇندىن كىيىن دەيدىغىنىم بىز ئۇيغۇرلار ياۋروپالىقلاردىن بۇرۇنلا مەدىنى جەمىيەتكە قەدەم قويغان ، مەدىنىيەت ساھەسىدە ئوخشاش بىر تۈردە بىزنىڭ ياۋروپالىقلاردىن بۇرۇن ئىختىرا قىلغان نەرسىلىرىمىز ساماندەك . ئاددىسى مەتبەئە تېخنىكىسنى ئالساق شىنجاڭ رايونىنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىنى قوللىنىش تارىخى ياۋروپانىڭكىدىن 600-700 يىل ئۇزۇن .

    ياۋروپالىقلار قەدىمكى بابىلون ، رىم ، يۇنان كىلاسسىك ئىدىيىلىرىنى ئەرەپلەر ساقلاپ قالغان قول يازمىلار ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن بولسا بىزمۇ ئەرەپلەردىن يۇقىرىقى كىلاسسىك ئىدىيىلەرنى سىستىمىلىق ھالدا قوبۇل قىلغان . ئارىستوتىل غەرىپ پەلسەپىسىنىڭ باش ۋەكىلى بولۇپلا قالماستىن ئىسلام پەلسەپىسىدىمۇ بىرىنجى ئۇستاز نامى بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن ......

    يۇقىرىقىلار ئاساسىدا شۇنى دىمەكچىمەنكى بىز يۇقىرىقىدەك بىر سوئالنى قويۇشقا تامامەن ھەقلىق .

    ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى جوڭگۇلۇق تارىخ ئالىمى لى يۆسې ئەپەندىم يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتى نىمە ئۈچۈن جوڭگۇدا شەكىللىنەلمىگەن دېگەن سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش ئۈچۈن نەچچە جىلىد كېلىدىغان « جوڭگۇ پەن-تېخنىكا تارىخى » نى يېزىپ چىققانىدى . ئۇنداقتا بىزدىنمۇ « ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا تارىخى » نى يېزىپ چىقىدىغانلار چىقارمۇ ؟

    مەن ئويلايمەن ، بۇنداق بىر كىتاپنى يېزىپ چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قارىغاندا كۆپ ئارتۇق ھەم بۇ كىتاپچە بىزگە بەلكىم ھەقىقى تۈپ سەۋەپنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلىشى مۇمكىن .

    ئەجەبا لى يۆسې ئەپەندى جوڭگۇ بىلەن غەرىپنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشتە جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈش پەرقىنى تۈپ سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەندەك ، ھەر قايسى رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى شۇ رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ ؟

    بىلىمىزكى رايونىمىزدا قۇملۇق كۆپ ، يەر تۈزۈىشى ئاددى ، يەنە كېلىپ رايونىمىزدا ئولتۇراقلاشقان قەۋىملەر دائىم شەرىق - غەرىپ ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن كۆچمەن خەلىقنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ . يەنى مۇنداقچە ئېيىتقاندا رايونىمىز تارىخىدا تەبىئى يەر تۈزۈلىشى ئاددى ، لىكىن ئىجتىمائى قۇرۇلما ئۆزگىرىشچان بولۇپ كەلگەن . مۇشۇ تۈپەيلى رايونىمىزدا ياشىغان قەۋىمنىڭ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنى تەبىئەت بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس بەلكى ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى ، ئىجتىمائى ئۇمۇمى ئاڭ بىلەن يەككە ئادەم ئارىسىدىكى ، ئىلاھى ئاڭ بىلەن ئادىمى ئاڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت .

    ئەجەبا مۇشۇلار تۈپ سەۋەپمۇ ؟

    مېنىڭ كىتاپچىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ماقالىنى قىستۇرۇشۇمدىكى مەخسەت دەل يۇقىرىقى كىتاپ ھەققىدىكى تەشەببۇسۇمنى ئوتتىرىغا قويۇش ئۈچۈن . ئەلۋەتتە ، يۇقىرىقىدەك كىتاپنى يېزىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ، ماتىرىيال توپلاش ، رەتلەش جەريانىغىلا نەچچە ئون يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن . لىكىن ، ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنداق بىر كىتاپنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق جاپانى تارتىشقا ئەرزىيدۇ دىگەن قاراشقا قوشۇلىدۇ .

    مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك شارائىتنى ھەزىرلىغان كىشى بۇ كىتاپنى يېزىشنىڭ دەسلەپكى شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ .

    1. ئۇ كىشى كىچىكىدە چوقۇم مىللى تىل يېزىقتىكى مەكتەپتە ئوقۇغان بولىشى كېرەك . شۇندىلا مىللى ئاڭغا بولغان تونۇشى چوڭقۇر بولىدۇ ھەم مىللى يېزىق بولۇپمۇ بۇرۇنقى يېزىقلىرىمىزبىلەن يېزىلغان ماتىرىياللارنى توغرا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .

    2. ئۇ كىشىدە تەبىئى پەن تەتقىقاتىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىنتىلىش بولغان بولىشى ھەم بىر مەزگىل چەتئەلدە تەتقىق قىلىش تارىخى بولىشى كېرەك . ( ئاز دېگەندىمۇ 5-6 يىل ) شۇندىلا ئۇ كىشى يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتىغا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېگە بولىدۇ ، چەتئەللەردىكى مەدىنى يادىكارلىقلىرىمىشدىن پايدىلىشتا ئەۋزەللىككە ئېگە بولىدۇ ( ئەلۋەتتە كىتاپنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى نۇسخىسىنى ئۆزى يېزىپ چىقىشمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە )

    مانا بۇ تەۋسىيە مېنىڭ بۇ ماقالىگە « خام خىيال » دەپ نام قويۇشۇمنىڭ سەۋەبى . خام خىياللارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان مىساللىرى تارىختا ئاز ئەمەس ، ھېلىھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە مىللىتىمىز جەمىيىتىدە نۇرغۇنلىغان بۇرۇنقى خام خىياللىرىمىز ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ . مېنىڭ بۇ خام خىيالىممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ......

    مەنبە :http://www.izdinix.com






    salkin.blog