• بۇ خىيالى تەجىرىبىنىڭ مەقسىدى كېڭەيتىلگەن بىر چوڭ بوشلۇق دائىرىسىدىكى فىزىكىلىق سېستىمىغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان كۋانتلىق تەسۋىرلەش ئىگە بولىدىغان خىلمۇ خىل چوڭقۇر غەيرىلىكلەرنى ئاشكارلاشتىن ئىبارەت.بۇ تەجىرىبە بىزنىڭ بىر دانە زەررىچىنىڭ ئورنى بىلەن ھەرىكەت مىقدارىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆزىتىش ئارقىلىق ، ھېيزىنبىرىگنىڭ ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپنى ئالداشنى ئويلىنىپ كۆرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قوللىنىلىدىغان تەدبىر بىر دانە شېرىك زەررىچىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنى ئۆزىمىز قىزىققان زەررىچىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ، بىر قېتىم ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

  • [ئاتوم ئىچىدىكى ئەرۋاھ]1-باب ئاجايىپ كۋانت دۇنياسى - [科学]

    كۋانت نەزىريىسى دىگەن نىمە؟
    <<كۋانت >> دىگەن سۆز <<بىر مىقدار >> ياكى بىر تارقاق مىقدار دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز مۇنداق بىر چۈشەنچىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن ،يەنى : بىر جىسىمنىڭ خۇسۇسىيتى مەسىلەن: ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ، ئېغىرلىقى ، تېمپىراتۇرسى ، رەڭگى ، سىرىتقى يۈزىنىڭ كۆلىمى ھەمدە ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغىچە ئۆزگىرىدۇ. ئەمما ، ئاتوم دائىرىسىدە ئىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى،مەسىلەن :  ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ، ئېنىرگىيىسى ھەمىشە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان بەزى تارقاق مىقدارلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىلاسسىك نىيوتۇن مىخانىسىدىكى بىر قىياس : ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىدۇ دىگەندىن ئىبارەت. فىزىكا ئالىملىرى بۇقاراشنىڭ ئاتوم دائىرىسىدە ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بايقىغاندا ئۇلار پۈتۈنلەي يېڭى بىر خىل مىخانىكا سېستىمىسى -كۋانت مىخانىكىسىنى لايھىلەپ ، جىسىم ئاتومىنىڭ بىرىكمە دانچە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدى . دىمەك كۋانت نەزىرىيسى كۋانت مىخانىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسى نەزىرىيىدۇر.

  • "بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى."
          ئورخان پامۇكنىڭ جۇشقۇن، لىرىك ۋە ھېھىرىلك رومانى «يېڭى ھايات» مۇشۇ جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ ئوقۇغان كىتابىدىن زىلزىلىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ئەسىر بولغان، كىتاب بەتلىرىدىن ھەر دەم چېچىلغان نۇرغا پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋە كىتابتا تەسۋىرلەنگەن يېڭى ھاياتنى قوغلاشقان بىر قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ھېكايىسىدۇ. ئۇ كىتابنىڭ سېھىرىي كۈچىگە سەۋدايىلارچە بېرىلىدۇ، بىر قىزغا ئاشىق بولىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىدىن يىراقلىشىدۇ، ئىستانبۇلدىن ئارىلىپ، ئاپتوبۇس بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ، چەت شەھەرلەرنى كېزىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رومان ۋەقەلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئوقۇرمەن باش پېرسوناژ ئوقۇغان سېھىرلىك كىتابقا ئەمەس، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرگە دىققەت قىلغاچ ئۆزىمىزگە خاس بىر قايغۇ - ئەلەمنىڭ ۋە شىددەتلىك تۇيغۇنىڭ نەق مەركىزىدە ئۆزىنى كۆرىدۇ. رەڭسىز تېلېۋىزورى بار قەھۋەخانىلارغا، ۋىديوسى بار ئاپتوبۇسلارغا، قاتناش ۋەقەلىرىگە، سىياسىي سۇيىقەست ۋە جىنايەتلەرگە، بايلار تەشكىلاتىغا، ئاقماس نەزەرىيىلەرگە، سەرگۈز مۇخبىرلارنىڭ ھەسرەت - خاپىلىقلىرىغا قەدەر كەتكەن بۇ ئاجايىپ سەپەر ئورخان پامۇكنىڭ مودېرنىزىم دۇنياسى رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ خاسلىققا ئىگە يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن، ھاياتنىڭ تەڭداشسىز پەيتلىرىنىڭ، ئۆلۈمنىڭ، ئەسەرنىڭ، ھادىسىنىڭ سىرلىرىغا، بىر تەرەپتىن بالىلىققا ئائىت رەسىملىك رومانلارغا، بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقايدىغان پەرىشتىگە، دانتې (ئىتالىيىلىك يازغۇچى، مىلادىيە 1265- يىلى فلورېنسىيىدە تۇغۇلۇپ 1321- يىلى راۋېننادا ۋاپات بولغان، -ت )نىڭ، رېلكې(‹1926-1875›، ئاۋسترىيىلىك شائىر، - ت)نىڭ شېئىرلىرىغا قۇچاق ئاچقان ئۆزگىچە بىر رومان. 

  • دۇنياۋى بازارلىق رومان __ «كابۇللۇق كىتابپۇرۇش» - []

    ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يەنى كابۇللۇق كىتابپۇرۇش سۇلتان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان يۇرتداشلىرىنى قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ كېلىدۇ. لېكىن تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ قېرىشىدۇ. جۈملىدىن سۇلتانىڭ كىتابلىرى دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىماتىغا ئېرىشكەنلەر كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ، ئاندىن مۇجاھىدلار كېلىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ، قالغىنىنى تالىبانلار ۋەيران قىلىدۇ. قىسىقىسى، ئارقا - ئارقىدىن باش كۆتۈرگەن مۇستەبىتلەر سۇلتان كۆز قارىچۇقىدەك ئەزىزلەيدىغان مەدەنىيەت - سەنئەتنى بولۇشىغا ۋەيران قىلىدۇ. لېكىن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب ئىچىدە قالغان سۇلتان ئاشۇ مەدەنىيەت سەمەرىيلىرىنى جېنىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ قوغدايدۇ.

  • دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننڭ ئۆزلۇك ۋە كىملىك ناملىق كىتابى - []

    كىتابتىن تەرمىلەر

    مەن شۋېت ئارخىپلىرىغا كۆمۈلگەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بەتلەرنى ۋاراقلىغانسېرى، بىزنىڭ 20 _ ئەسىردىن بۇيانقى روھىيەت تارىخىمىزنىڭ شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە سىرلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ھەمدە مۇشۇ دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن دىئالوگلاشقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مىلادىيە 8 _ ، 9 _  ئەسىرلەردە خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورىيان مەزھىپىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نېستورىيان دىنىغا دائىر مۇقەددەس ناخشىلار ۋە «ئىنجىل» نىڭ پارچىلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغانلىقى بۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر خەلقى مىلادىيە 10 _ ئەسىردىن بۇيان ئۇزاق مەزگىللىك ئىسلاملىشىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىنىي ئېتىقادى قىلىپ تاللىغاندىن كېيىنمۇ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە شىمالىي ياۋروپادىن كەلگەن خرىستىئان دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى زەرەتلىشىگە ئۇچرىشى بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    =======

  • «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانى - []

     ئەسەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بېلەن فانتازىيە ، رىۋايەت بېلەن رېئاللىق ئۆز ئارا گېرەلىشىپ كىشىنى ئاجايىپ دۇنياغا باشلايدىغان بولۇپ  . ئەسەردېكى پېرسۇناجلار يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئەبۇتالىپ قۇتتىبايېف قاتارلىقلار بولۇپ ئەسەر قازانقاپنىڭ ئۆلىمى بېلەن باشلىنىپ دەپىنە قىلىنغۇچە بولغان بىر كۇن ئىچىدىكى ئشلارنى تۇتقا قېلىپ ، ئاپتۇر سىزنى بىردە يىراق ئۆتمۇشدىكى رىۋايەت دۇنياسىغا باشلىسا ، بىردە كۆز ئالدىڭىزدىكى دۇنيانى سۆرەتلەيدۇ . بىردە سىزنى سارى ئۈزەك دالاسىدا سەيلە قىلدۇرسا بىردە «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى»«ئورمانتۆش» پىلانىتىدا سەيلە قىلدۇرىدۇ . ئاجايىپ گۈزەل رىۋايەتلەر سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزغا بوسۇپ كىرىدۇ . . .